UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركىۋۇ كۆلى

كىۋۇ كۆلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئافرىقىدىكى زايىر، ھوۋاندا دۆلەتلىرى چېگرىسىغا جايلاشقان تاتلىق سۇلۇق كۆل. يەر قاتلىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ ئولتۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن. سۇ يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى 1460 مېتىر كېلىدۇ، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 96 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 48 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، كۆلىمى 2816 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 240 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 488 مېتىرغا يېتىدۇ. كۆل سۈيى جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ رۇزىزى دەرياسى ئارقىلىق تانگانىكا كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. كۆلدە بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى ناھايىتى كۆپ. كۆلنى ئېگىز تاغلار قورشاپ تۇرغانلىقتىن، كۆلنىڭ قىرغاقلىرى ناھايىتى تىك، كۆلدە ئۇششاق ئاراللار خېلى كۆپ بولۇپ، مۇھىم دەم ئېلىش ئورۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆل ياقىسىدا بۇكائۇ، كىسېنىي قاتارلىق پورتلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر