UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئونتارىئو كۆلى

ئونتارىئو كۆلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان بەش كۆل ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك، ئەڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان كۆل. ئۇ كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسى بىلەن ئا ق ش نىڭ نيۇ - يورك شتاتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئىككى دۆلەت ئورتاق پايدىلىنىدۇ. كۆلىمى 19 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 236 مېتىر كېلىدۇ. كۆلنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 75 مېتىر بولۇپ، ئېرې كۆلىدىن 99 مېتىر پەس تۇرىدۇ. نىئاگارا دەرياسى ئارقىلىق ئېرې قاتارلىق تۆت كۆلنىڭ سۈيى بۇ كۆلگە قۇيۇلۇپ، سانت لاۋرېنتسىيە دەرياسى ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. 1932 - يىلى ۋىلان قانىلىنىڭ قېرزىلىشى، 1959 - يىلى سانت - لاۋرېنتسىيە سۇ يولىنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، ئونتارىئو كۆلى دۇنيانىڭ دېڭىز قاتنىشىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى. ئونتارىئو كۆلىنىڭ ئەتراپىدا ئاھالە ناھايىتى زىچ ئولتۇراقلاشقان. كۆلنىڭ ئەتراپىدا 1 - كىنگىستون، تورونتو، گامىلتون (كانادا)، روچېستېر قاتارلىق مۇھىم پورت شەھەرلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر