ياپون دېڭىزى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ياپون تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان. شەرقىي شىمال تەرىپى تاتار بوغۇزى، لاپېروزا بوغۇزى ئارقىلىق ئوخوت دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىي تەرىپى چىڭ جىن بوغۇزى ئارقىلىق تىنچ ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى چاۋشيەن بوغۇزى ئارقىلىق شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىغا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن بىر مىليون 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىزنىڭ شىمالىي قىسمى تېيىزرەك، ئەڭ چوڭقۇر جايى 3712 مېتىرغا يېتىدۇ. يىللىق ئېقىم دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىن شىمالغا، سوغۇق ئىقىم غەربىي قىسمىدىن جەنۇبقا قاراپ ئاقىدۇ. دېڭىزنىڭ تۇز تەركىبى% 33.5 گە يېتىدۇ. ياپون دېڭىزى بېلىق ئەڭ كۆپ چىقىدىغان دېڭىزلارنىڭ بىرى. دېڭىز ئەتراپىدا ۋولادىۋوستوك، ۋونسان، پۇسان، كىتاكيوسىيو قاتارلىق مۇھىم پورتلار بار.