شېففېلد
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم پولات - تۆمۈر سانائەت مەركىزى، بۇ شەھەر پىنىن تاغلىرىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىكى يۇروكشا شەھەر رايونلىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 544 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). شەھەرنىڭ تۆمۈريول، تاشيول ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان. ئەتراپىدا تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تۆمۈر تاۋلاش، مېتالچىلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلشىقا باشلىغان. 16 - ئەسىردىن 18 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قىلىچ، نەيزە ياساشتا داڭق چىقارغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم پولات - تۆمۈر سانائەت بازىسىغا ئايلانغان. ھازىر ئەلا سۈپەتلىك پولات بىلەن ئالاھىدە پولات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يېمەك - ئىچمەك، قەغەز، ئوپتىكا ئەسۋابلىرى، خىمىيە، ھەربىي قورال - ياراق، ماشىنىسازلىق سانائىتىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.