UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرنۇكۇئالوفا

نۇكۇئالوفا

دۇنيادىكى شەھەرلەر تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى تونگا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر تونگا تاپا ئارىلىنىڭ شىمالىي دېڭىز ياقىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئاھالىسى تەخمىنەن 20 مىڭغا يېتىدۇ (1982). دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. پورتقا 10 مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. شەھەر كوچىلىرى دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە سوزۇلغان. شەھەردە پالما پىششىقلاپ ئىشلەش، مېتالچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردىن تىنچ ئوكياندىكى ھەرقايسى دۆلەت، رايونلارغا پاراخوت، ئايروپىلانلار قەرەللىك قاتناپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر