UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋانكۇۋېر ئارىلى

ۋانكۇۋېر ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر كانادانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ئارال. مەيدانى 34 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 426 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئارالدا قاتناش قىلىشقا بولىدىغان دەريالار يوق. بىراق قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن قولتۇقلار كۆپ، نۇتكا قولتۇقى قۇرۇقلۇققا قاراپ تەخمىنەن 16 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن. ئىقلىمى يىللىق، نەم. تاغلىق، ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ئالتۇن، مىس، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. سانائەتتە ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرىدا بېلىقچىلىق تەرەققىي قىلغان. بىرىتان كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى — ۋىكتورىيە شەھىرى ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. تۆمۈر يول ئارقىلىق جەنۇبىي قىرغاقتىكى نانايمو پورتى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋانكۇۋېر ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki