ئوتلۇق يەر ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارال. يەر مەيدانى 48 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، غەربتىن شەرققە بولغان ئۇزۇنلۇقى 450 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا بولغان كەڭلىكى 250 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئوتلۇق يەر ئارىلىغا دەسلەپ ئىندىئانلار ئولتۇراقلاشقان، 16 - ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپالىقلار جەنۇبىي ئامېرىكىغا بېسىپ كىرىپ، يەرلىك ئىندىئانلارنى خالىغانچە بۇلاڭ - تالاڭ قىلغاندا بىر قىسىم ئىندىئانلار جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلگەن. قالغان ئوندىن ئوشۇق تۇغقان قەبىلىلەر بىرلىشىپ بېلىقچىلىق ھەم ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئوتلۇق يەر ئارىلى مەمۇرىي جەھەتتىن چىلى ۋە ئارگېنتىنادىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە قارايدۇ. 1881 - يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن چېگرا كېلىشىمى بويىچە ئوتلۇق يەر ئارىلىنىڭ 20 مىڭ 392 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شەرقىي قىسمىنى ئارگېنتىنا، 28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان غەربىي قىسمىنى چىلى ئىگىلىگەن. 1970 - يىللىق مەلۇمات بويىچە ئوتلۇق يەر ئارىلىدا ئولتۇراقلاشقان خەلق 40 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، بۇنىڭ 16 مىڭى ئارگېنتىنا قىسمىغا، قالغىنى چىلى قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان. ئوتلۇق يەر ئارىلىدىكى خەلق ئىقتىسادتا ئاساسەن قوي بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئارالنىڭ شىمالىدا قوي بېقىشقا قولاي چارۋا مەيدانلىرى كۆپ بولۇپ، بەزى چارۋا مەيدانلىرىنىڭ دائىرىسى 6 مىليون مودىن ئاشىدۇ. بۇ خىل چارۋا مەيدانلىرىدا بېقىلىۋاتقان چارۋا 200 مىڭدىن ئېشىۋاتىدۇ، 1943 - يىلدىن باشلاپ چىلى دۆلەت نېفىت شىركىتى ئۆزى ئىگىلىگەن غەربىي قىسمىدا زور مىقداردا نېفىت زاپىسىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغان. ئارگېنتىناغا قاراشلىق شەرقىي قىسمىدىن 1952 - يىلدىن باشلاپ نېفىت ئېلىنىشقا باشلىغان. ئوتلۇق يەر ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىرنەچچە ئۇششاق ئاراللارنىڭ دۆلەت تەۋەلىك مەسىلىسى تېخى بىر تەرەپ قىلىنمىدى.