مىسسىسىپى دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان چوڭ دەريا. ئەگەرئۇنىڭ تارمىقى بولغان مىسسورى دەرياسى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6262 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۇ ئۇزۇنلۇقتا دۇنيادا ئامازون، نىل، چاڭجياڭدىن قالسا 4 - ئورۇندا تۇرىدۇ، كۆلىمى دۇنيادا ئامازون، كونگو دەريالىرىدىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ ئاساسىي تارمىقى بولغان مىسسورى دەرياسى روككى تاغلىقلىرىنىڭ شەرقىي ئېتەكلىرىدىن باشلىنىپ مىسسىسىپى دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئاخىرى مېكسىكا قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. بۇ دەريانىڭ ئاساسىي قىسمى ئا ق ش دىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئا ق ش نىڭ ئەڭ مۇھىم سۇ قاتناش تورىنى ھاسىل قىلىدۇ. مۇسسىسىپى دەرياسى قاناللار ئارقىلىق شىمالدىكى بەش كۆل رايونى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ 40 دىن ئوشۇق تارمىقىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ سۇ قاتناش مۇساپىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ دەريا ئارقىلىق يۆتكىلىدىغان مال پۈتۈن ئا ق ش دىكى دەريا، كۆل، قاناللار ئارقىلىق يۆتكىلىدىغان مالنىڭ% 41 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ ئەتراپىدا كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ئا ق ش نىڭ ئەڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت رايونى ھېسابلىنىدۇ.