برۇنېي
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسمى جۇڭگو دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇب، غەرب تەرەپلىرى مالايشىيانىڭ ساراۋاك رايونى بىلەن چېگىرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 5765 كۋادرات كىلومېتر كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 192 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، ئاھالىنىڭ % 65.2 نى مالاي مىللىتى،% 20.4 نى خەنزۇلار، %3.1 نى ھىندىلار، قالغىنىنى داياك قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. مالاي تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى باندار سېرى بېگاۋان شەھىرى. برۇنېينىڭ جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەسرەك بولۇپ، ئېگىز نۇقتىسى 1808 مېترغا يېتىدۇ، دېڭىز قىرغاقلىرىدا سازلىق، تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24-℃32 ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2500 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىنى ياپيېشىل ئۆت - چۆپلەر، ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 76% گە يېتىدۇ. برۇنېيغا ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرى بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇن برۇنېي كىنىزى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن. 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى تارقىلىشقا باشلىغان. 1521 - يىلى ئىسپانىيىلىك ماگېللان دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىدە بۇ جايغا كەلگەن. 16 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق مۇستەملىكچىلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1888 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1941 - يىلى 12 - ئايدىن 1945 - يىلى 8 - ئايغىچە ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1946 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ قايتىدىن ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن. 1971 - يىلى پۈتۈنلەي ئىچكى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1984 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تولۇق مۇستەقىللىككە ئېرشىكەن. ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندۇنېزىيە، مالايشيادىن كېيىنكى 3 - مۇسۇلمان دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. برۇنېي ئىقتىسادىدا نېفىت، تەبىئىي گاز، كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. بولۇپمۇ نېفىت بىلەن تەبىئىي گاز ئۇنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي جان تومۇرى بولۇپ، خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 75 نى، ئېكسپورتىنىڭ % 99 نى تەشكىل قىلىدۇ. برۇنېي نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن قىلغان كىرىمى ھېسابىغا چوڭ تىپتىكى نېفىت سانائەت ئورۇنلىرىنى قۇردى. شۇنداقلا دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور ئاساس سېلىۋالدى. برۇنېي يېزا ئىگىلىكىدە كاۋچۇك، شال ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كوكۇس پالمىسى، ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ.