پاناما قانىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا سۇ قاتناش يولى بولۇپ، پاناما جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئۇزۇنلۇقى 81.3 كىلومېتر، كەڭلىكى 150 دىن 204 مېتر كېلىدۇ، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 135 مېترغا يېتىدۇ. قانالدىن ئۆتىدىغان پاراخوتلار ئۈچىنچى دەرىجىلىك لوك ئارقىلىق دېڭىز يۈزىدىن 26 مېتر ئېگىز بولغان كاتون كۆلىگە ئۆتىدۇ، ئاندىن تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، ئاندىن تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، قانالدىن 40 مىڭدىن 45 مىڭ توننىلىق پاراخوتلار ئۆتەلەيدۇ. قانالدىن ئۆتۈش ئۈچۈن 8 - 9 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. پاناما قانىلى 1881 - يىلى فرانسىيە تەرىپىدىن قېزىلىشقا باشلىغان. بىراق بۇ قانال قېزىشنى ئۈستىگە ئالغان شىركەت ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن توختاپ قالغان. 1904 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قايتا ئا ق ش تەرىپىدىن قېزىلىشقا باشلاپ، 1914 - يىلى تاماملانغان. 1920 - يىلى رەسمىي قاتناش باشلانغان. بۇ قانال قېزىلغاندىن كېيىن ئىككى ئوكيان ئارىلىقىدىكى قاتناش مۇساپىسى 5 مىڭدىن 10 مىڭ كىلومتېر قىسقاردى. ھازىر يىلىغا قانالدىن 15 مىڭدىن ئارتۇق پاراخوت ئۆتەلەيدۇ. توشۇلىدىغان يۈك 100 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ. قانالنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئومۇمىي كەڭلىكى 16 كىلومتېر كېلىدىغان قانال رايونى بار، مەيدانى 1432 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ھازىرغا قەدەر قانال بىلەن قانال رايونىنى ئا ق ش كونترول قىلىپ كەلمەكتە. ئا ق ش بىلەن پاناما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بولغان 20 يىللىق كېلىشىم (1979 - 1999 - يىلغىچە) بويىچە 1999 - يىلدىن كېيىن پاناما قانىلى پۈتۈنلەي پاناما ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلمەكچى.