UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرلۇئانگۋا دۆلەت باغچىسى

لۇئانگۋا دۆلەت باغچىسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر زامبىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب مۇكەنگا تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي جەنۇب ئېتىكىگە، لۇئانگۋا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلاشقان. مەيدانى 12 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ رايون ئافرىقا بويىچە ھايۋانات تۈرلىرى ئەڭ كۆپ رايوننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ باغچىدا تۈركۈم - تۈركۈم بولۇپ ياشايدىغان ياۋا پىل، ياۋا كالا، چىپار ئات، مۈڭگۈزلۈك ئات، زىراپە ھەم نۇرغۇنلىغان ئۇچار قاناتلار، دەريا ئېتى قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. بۇ باغچە زامبىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت رايونى بولۇپ، ھەر يىلى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان زامبىيىلىك ھەم چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر باغچىغا كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
لۇئانگۋا دۆلەت باغچىسى | UyghurWiki | UyghurWiki