بوگوتا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى. بوگۇتا شەھىرى شەرقىي كوردېللېرا تېغى بىلەن ئوتتۇرا كوردېلېلرا تېغى ئارىسىغا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2640 مېتر كېلىدۇ. ئىقلىمى سالقىن بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 14كېلىدۇ، ئاھالىسى 4 مىليون 293 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). بوگوتا كولومبىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇ جايدا توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، خىمىيە، مېتاللورگىيە، پاراۋۇز، ئەينەك، كاۋچوق، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بوگوتا كولومبىيىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدا دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا بارىدىغان تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى، 16 -، 17 - ئەسىرلەردە قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەر، مۇزېيخانىلار، رەسەتخانا، چېركاۋلار، قەدىمىي مەشھۇر قۇرۇلۇشلار، گۈزەل مەنزىرىلىك ساياھەت ئورۇنلىرى بار.