مالاۋى كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شەرقىي ئافرىقىدىكى چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل. ئۇ بۇرۇن نىياسسا كۆلى دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ مالاۋى، موزامبىك، تانزانىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر قاتلىمىنىڭ چۆكۈشىدىن شەكىللەنگەن. سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 472 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 560 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 32-80 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. يەر مەيدانى 30 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 273 مېتىر، شىمالىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭقۇر جايى 706 مېتىر كېلىدۇ. كۆلنىڭ ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار قورشاپ تۇرىدۇ. شەرقىدە لىۋىستون تېغى، غەربىدە نىكا ئېگىزلىكى بىلەن ۋىپىيا تېغى بار. بۇ كۆلگە دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان 14 دەريا قۇيۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە رۇخۇخو دەرياسى ئەڭ چوڭ. كۆل س ۈيى جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ سىرى دەرياسى ئارقىلىق زەمبىرى دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. كۆلدە سۇ قۇشلىرى ناھايىتى كۆپ. بېلىقلارنىڭ تۈرى 200 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ %80 ى ئاز ئۇچرايدىغان بېلىق تۈرلىرىدىن ئىبارەت. بۇ جايدا بېلىقچىلىق ئىشلىرى راۋاجلانغان، كۆل ياقىسىدا كالونكا، ئىنكاتاجى، ئىنكوتاكوتا، چىبوكا قاتارلىق پورتلار بار. پاختا، كاۋچۇك، شال، خاسىڭ قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆل ئارقىلىق چبوكا پورتىغا كەلتۈرۈلۈپ پويىز ئارقىلىق سىرتقا يۆتكىلىدۇ.