UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتانانارىۋ

تانانارىۋ

دۇنيادىكى شەھەرلەر ماداغاسقار دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىى، دۆلەتنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. تانارىۋ شەھىرى ماداغاسقار ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1470 مېتر ئېگىز بولغان ئېگىز تەكشىلىككە جايلاشقان. 17 - ئەسىردىن باشلاپ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. شەھەرنىڭ يېنىدىكى تاغدا ئېمىردىن پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى خان سارايلىرى بار، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرى شەھەرنىڭ سەل پەسرەك بولغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شەھەر ئاھالىسى 900 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). تانارىۋ ماداغاسقارنىڭ مۇھىم سانائەت رايونى، ئۇ جايدا كۆلىمى چوڭراق بولغان توقۇمىچىلىق، سېمونت زاۋۇتلىرى، يېمەك - ئىچمەك، ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتى، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى، كۆن - خۇرۇم، خىمىيە قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ يېنىدا خەلقئارا ئايرودرومى، شەھەر ئىچىدە ئابسىرىۋاتورىيە، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك باغچىسى، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى، ئارخېئولوگىيە مۇزېيى قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار. تانارىۋ شەھىرى تۆمۈريول ئارقىلىق شەرقتىكى پورت شەھىرى تاماتاۋې، جەنۇبتىكى ئانتىسرابى شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. تاشيول ئارقىلىق دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى پورت شەھىرى موللىنگا، غەربىي جەنۇبتىكى پورت شەھىرى تولېئار قاتارلىق بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
تانانارىۋ | UyghurWiki | UyghurWiki