UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرنانت

نانت

دۇنيادىكى شەھەرلەر فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لۇئارا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان شەھەر، دەريا ئاغزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 54 كىلومېتىر بولسىمۇ، ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە شەھەر رايونىغا كىرەلەيدۇ، شەھەر ئاھالىسى 260 مىڭدىن ئاشىدۇ. نانت فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. شەھەرنىڭ مېتاللۇرگىيە، نېفىت - خىمىيە، كېمىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئايرودرومى بار. تاشقى سودىسىدا نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق خام ئەشيالارنى ئىمپورت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەردە يەنە خان سارايلىرى، چېركاۋلار، مەشھۇر قەدىمىي قۇرۇلۇشلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
نانت | UyghurWiki | UyghurWiki