UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئاچېن

ئاچېن

دۇنيادىكى شەھەرلەر گېرمانىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم سودا - سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىي قىسمىدىن گوللاندىيە، بېلگىيە، دۆلەتلىرىنىڭ چېگرىسى بىلەن بولغان ئارىلىق ئاران بەش كىلومېتر كېلىدۇ. شۇڭا بۇ جاي <ياۋروپانىڭ يۈرىكى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئاچېن ياۋروپادىكى مۇھىم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈگۈنى بىلەن شۇ جايدىن ئۆتىدىغان 75 - قېتىملىق خەلقئارا پويىز يولنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئورۇننىڭ خەلقئارا تاشيول، تۆمۈريول قاتنىشىدىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ھەر يىلى بۇ جايدىن ئۆتىدىغان يولۇچىلار 30 مىليوندىن ئاشىدۇ. شەھەرنىڭ ئاھالىسى 240 مىڭدىن ئاشىدۇ (1978)، ئاچېن كىچىك شەھەر بولسىمۇ گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى بويىچە قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەھەر 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە. ئاچېن شەھىرىدە ماشىنسازلىق، مېتاللورگىيە، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، نەشرىياتچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. شەھەردە يەنە گېرمانىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ئومۇملاشقان سانائەت شۆيۈەنى (ئوقۇغۇچىسى 25 مىڭدىن ئاشىدۇ)، قاتارلىق بىر قانچە ئالىي مەكتەپلەر، قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، 14 - ئەسىردە سېلىنغان ھەرخىل شەكىللىك چېركاۋلار، مۇھىم ئاخبارات ئورۇنلىرى، مۇزېيلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نەشىر قىلىنغان ھەرخىل گېزىتلەر ساقلىنىۋاتقان كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەرنىڭ ئالىي مائارىپى تەرەققىي قىلغان، شەھەر ئاھالىسىنىڭ 1/8 نى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلەيدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ % 12نى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاچېن گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى. گېرمانىيە بىلەن بېلگىيە، گوللاندىيە ئالماشتۇرىدىغان ماللارنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ يەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر