ۋارشاۋا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
پولشىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، پولشىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم دەريا پورتى. ۋارشاۋا ۋىسىۋا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 1 مىليون 146 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). ۋرشاۋا 9 - ئەسىردە كىچىك بىر كەنت بولۇپ، ۋارسوۋىيە دەپ ئاتالغان، ۋارشاۋا 13 - ئەسىردىن باشلاپ كېڭىيىشكە باشلىغان، 1596 - يىلى پايتەخت بولغان، 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چەت مىللەتلەرنىڭ 200 يىلدىن ئوشۇق ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، 1919 - يىلدىن باشلاپ قايتا پولشىنىڭ پايتەختى بولغان. ھازىر ئۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. ۋارشاۋانىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتى پولشا بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ماشىنىسازلىق سانائىتى، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، نازۇك ماشىنىلار، ستانوك، ئايروپىلان، ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردىن باشقا پولات - تۆمۈر، خىمىيە توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. ۋارشاۋا دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ نەشرىياتچىلىق سانائەت مەركىزى. ۋارشاۋا دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن - مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ جايدا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، نۇرغۇنلىغان پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىلمىي جەمئىيەتلەر، دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەر، ھەشەمەتلىك قەدىمىي چېركاۋلار، كۇتۇپخانىلار، مۇزېيلار، چوڭ مېھمانخانىلار، ئاتاقلىق بانكىلار، سودا سارايلىرى ۋە باشقا تارىخىي ئورۇنلار، مۇھىم ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار. ۋارشاۋا ياۋروپادىكى مۇھىم زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى، شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى رەتلىك، مەنزىرىسى گۈزەل، ئۇ جايدا ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى بار. ۋارشاۋانىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، ۋىساۋا دەرياسى ئارقىلىق دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ بالتىق دېڭىزغا چىققىلى بولىدۇ. يۇقىرى ئېقىنغا قاراپ يۈرسە، كراكوۋ شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ. قاناللار ئارقىلىق شەرقتىكى دنېپر، دون دەريالىرى بىلەن، غەربتىكى ئودېرا دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ. تۆمۈريول، تاشيول تورلىرى ئارقىلىق دۆلەتتىكى ھەرقايسى شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.