UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمانىلا

مانىلا

دۇنيادىكى شەھەرلەر فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. مانىلا لۇسون ئارىلىنىڭ غەربىدىكى مانىلا قولتۇقى بوليىغا جايلاشقان، شەھەرنى پاسىگ دەرياسى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ، چوڭ مانىلا شەھىرى كېسون، پاسىگ قاتارلىق 10 نەچچە شەھەر جىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 920 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 5 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ بىر مىليون 630 مىڭدىن ئوشۇقراقىنى (1980) شەھەر ئىچى ئاھالىسى تەشكىل قىلىدۇ. مانىلا شەھىرى 1571 - يىلدىن باشلاپ فىلىپپىننىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزىگە ئايلانغان. ھازىر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بويىچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. شەھەر ئەتراپىغا فىلىپپىننىڭ مۇھىم سانائەت ئورۇنلىرى مەركەزلەشكەن، شەھەرنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن دۆلەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن دۆلەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 60نى تەشكىل قىلىدۇ. مانىلا پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار دۆلەت بويىچە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ 3/1 نى، ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ 5/4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. شەھەرنىڭ غەربىگە جايلاشقان بادەندە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، ئېكسپورت مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان يېڭى سانائەت رايونى قۇرۇلدى. بۇ جايدا ھەرخىل كىيىم - كېچەك، رادىئو، توڭلاتقۇ ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق ئېكسپورت ماللىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شېكەر، ياغ، گۈرۈچ ئاقلاش، توقۇمىچىلىق، تاماكا، ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى پولات زاۋۇتى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. مانىلا مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، ئۇ جايدىن پاراخوت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارغىلى بولىدۇ. مانىلا پورتى شىمالىي پورت، جەنۇبىي پورت دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇ پورتقا ھەرخىل تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى كېلىپ توىتىيالايدۇ. شەھەردە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بويىچە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى، ئاتاقلىق ساياھەت ئورۇنلىرى، مانىلا داشۆسى قاتارلىق ئاتاقلىق بىلىم يۇرتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر