UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمالابو شەھىرى

مالابو شەھىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئېكۋاتور گۋېنىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم پورتى. شەھەر ئاھالىسى 80 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئېكۋاتور گۋېنىيىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان كاكائو، كوفى قاتارلىق تروپىك بەلباغ مەھسۇلاتلىرى بۇ جايغا توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ. شەھەردە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ئورمان كېسىش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا ھەرخىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ شەھەردىكى پورت يانار تاغ ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن يېرىم ئاي شەكىلدىكى قولتۇق بويىغا جايلاشقان بولۇپ، سۈيى چوڭقۇر، ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە كىرەلەيدۇ، پورت ئارقىلىق كاكائو، كوفى، بانان، ياغاچ ماتېرىياللار ئېكسپورت قىلىنىدۇ، شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
مالابو شەھىرى | UyghurWiki | UyghurWiki