UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپوپو كۆلى

پوپو كۆلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى بولىۋىيە ئېگىز تەكشىلىكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، بولىۋىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۆل ھېسابلىنىدۇ. مەيدانى 2800 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3690 مېتر، ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتر، كەڭلىكى 32 كىلومېتر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى بىر مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 3 مېتر كېلىدۇ. كۆلنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلىنىش مەنبەسى — تىتىكاكا كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن ئېقىپ چىقىپ پوپو كۆلىگە قۇيۇلىدىغان دىساگۋادېر دەرياسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەريا ئىككى چوڭ كۆلنى بىر - بىرسىگە باغلاپ تۇرىدۇ. كۆلنىڭ سۈيى سىرتقا ئېقىپ چىقىپ كېتەلمىگەنلىكتىن تۇزلۇق كېلىدۇ، پەقەت يامغۇر پەسلىدە لاكاخاۋىرا دەرياسى ئارقىلىق كوئىپاسا سازلىق رايونىغا ئېقىپ چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
پوپو كۆلى | UyghurWiki | UyghurWiki