UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتىبىلىس

تىبىلىس

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى گرۇزىيىنىڭ پايتەختى ۋە سىياسىيك، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. سوۋېت ئىتتىپاقىنڭ كاۋكاز رايونىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، باكو رايونى بىلەن قارا دېڭىز رايونى ئارىلىقىدىكى چوڭ تۆمۈريول، تاشيول ئاچىلى. بۇ جاينىڭ قاتناش ترانسپورت ۋە ستراتېگىيىدە تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. تبلىس شەھىرى چوڭ كاۋكاز تاغلىرى بىلەن كىچىك كاۋكاز تاغلىرى ئارىلىقىدىكى كەڭ كەتكەن ۋادىغا، كارا دەريا بويىغا جايلاشقان. ئاھالىسى بىر مىليون 158 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). تىبلىس مىلادى 4 - ئەسىردە قۇرۇلۇشقا باشلىغان. 19 - ئەسىردە روسىيىدىن تۈركىيىگە بېرىشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە ئايلانغان. تبلىس گرزۇىيە بويىچە مەشھۇر ماشىنىسازلىق سانائەت مەركىزى. بۇ جاي ئېلېكترلىك پاراۋۇز ئىشلەپچىقىرىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايروپىلان، مېتال قىرىش ستانوكى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، نازۇك - ئىنچىكە ئەسۋاب، يېمەك - ئىچمەك، يىپەك توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ جايدا يەنە گرۇزىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى، تاغلىق رايون، يېزا ئىگىلىكى ۋە سۇبتروپىك زىرائەتلىرىنى تېرىش، ماشىنىسازلىق تەتقىقات ئورنى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئېلكېترلەشتۈرۈش تەتقىقات ئورنى ۋە ئۆسۈملۈك باغچىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئەسىردە سېلىنغان قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، چېركاۋلار بار. تبىلس 1936 - يىلدىن بۇرۇن <تىفلىس> دەپ ئاتالغان، 1936 - يىلدىن كېيىن <تبىلىس> دەپ ئۆزگەرتىلدى. تبلىس گرۇزىيە تىلىدىكى <تىبىلىي> (ئىلما، ئىسسىق) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، تبىلىس دېگەن <ئىسسىق بۇلاقلىق ئورۇن> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تبىلىس جايلاشقان تاغلىق ھەم ئېگىز تەكشىلىك رايونلار يەر پوستىنىڭ ئەڭ ياش، ھەرىكەتچان بەلبېغى بولغانلىقتىن، بۇ جايدا ئىسسىق سۇلق مىنېرال بۇلاقلار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا بۇ جايغا ئەنە شۇنداق نام بېرىلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر