مىلان شەھىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىتالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. لۇمبارىيە رايونىنىڭ مەركىزى، ئىتالىيىنىڭ ئاتاقلىق سودا - سانائەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 6 مىليون 600 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردە گاللى خەلقلىرى تەرىپىدىن سېلىنغان. مىلادىيە 395 - يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەكرىزى بولغان. بۇ شەھەر 1158 - ۋە 1162 - يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ۋەيران بولغان. 1796 - يىلى فرانسىيىلىك ناپالىئون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئىككىنچى يىلى مىلان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن، 1861 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى دائىرىسىگە قوشۇلغان. مىلان ئىتالىيە بويىچە ئەڭ چوڭ سودا - سانائەت، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ئۇ ئۆزىنىڭ پولات - تۆمۈر، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ئېلېكتر سانائىتى، ستانوك سانائىتى، ھەربىي قورال - ياراغ ئىشلەش، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جايدا ئىتالىيە بويىچە چوڭ مونوپول مالىيە گۇرۇھلىرىنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورنى ۋە ئاتاقلىق چوڭ بانكىلار تولىغان. شەھەر ئەتراپىدا تەرەققىي قىلغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى، ئاتاقلىق يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرى، مول ئورمان بايلىقى بار. بۇ مىلان شەھىرىنى زور ئېنېرگىيە مەنبىئى، يېمەك - ئىچمەك، ياغاچچىلىق، سانائەت خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مىلان ئىتالىيىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئۇ جايدا ياۋرپا بويىچە ئاتاقلىق ئۈچ چوڭ چېركاۋنىڭ بىرى بولغان توئومو چېركاۋسى بار. بۇ چېركاۋ 1386 - يىلى سېلىنغان، مىلان ئىتالىيە بويىچە مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئالىپ تاغلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىي ياۋروپاغا بېرىشتىكى مۇھىم خەلقئارا تاشيول، تۆمۈر يول قاتناش تۈگۈنى، شەھەرنىڭ قاتناش - ترانسىپورتىمۇ تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1964 - يىلى سېلىنغان.