UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلارچاۋشيەننىڭ رېنچېن يىللىرىدىكى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى

چاۋشيەننىڭ رېنچېن يىللىرىدىكى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى

دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار 1592 - يىلى ياپونىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن تويوتومى خىدې يوشى قوشۇن باشلاپ چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلغان، بۇ يىلى كالېندار بويىچە رېنچېن يىلى بولغانلىقتىن، تارىختا بۇ ئۇرۇش چاۋشيەننىڭ رېنچېن يىلىدىكى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان.1592 - يىلى4 - ئايدا ياپونىيە تىسۇشىما بوغۇزىدىن ئۆتۈپ چاۋشيەننىڭ پۇسان ئەتراپىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ،20 كۈنگە بارمىغان ۋاقىت ئىچىدىلا سېئولنى ئىشغال قىلىۋالغان، ئارقىدىنلا يەنە كائېسۇڭ ۋە پيوڭياڭنى بېسىۋالغانلىقتىن، چاۋشيەن خەۋپ ئىچىدە قالغان. لېكىن چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسى شانلىق جەڭ نەتىجىسىگە ئېرىشكەن، بۇ ئاساسلىقى چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مەشھۇر گېنېرالى لى شۇنچېنغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك. ئۇرۇش پارتلاشتىن ئىلگىرىلا، لى شۇنچېن تاشپاقا پاراخوت دەپ ئاتالغان يېڭىچە جەڭ پاراخوتىنى ياساشنى باشلىغان. بۇ پاراخوت قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ، سىرتى قەلەي بىلەن قاپلانغان، ئۇ خۇددى تاشپاقىغا ئوخشايتتى، پاراخوتنىڭ بېشىغا زەمبىرەك ئاتىدىغان تۆشۈكلەر قويۇلغان، ئىككى تەرىپىگە قورال ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ تاشپاقا پاراخوتنىڭ ئوت كۈچى كۈچلۈك، مۇداپىئە ئىقتىدارى ياخشى بولغانلىقتىن، دېڭىز ئۇرۇشىدا ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.1592 - يىلى5 - ئايدىن7 - ئايغىچە لى شۇنچېن دېڭىز فلوتىنى باشلاپ ياپونىيىنىڭ دېڭىز فلوتىغا كۆپ قېتىم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كەينى - كەينىدىن غەلىبىگە ئېرىشىپ، ياپونىيىنىڭ200 گە يېقىن پاراخوتىنى بىتچىت قىلىپ، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتقان. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە چاۋشيەن دېڭىز بوغۇزىدىكى دېڭىز كونترول ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان. دېڭىزدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلىدىغان ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئەسكەر مەنبەسى ۋە تەمىناتى كەمچىل بولغانلىقتىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان. شۇڭا، ياپونىيە ئارمىيىسى پيوڭياڭنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن ھۇجۇمنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. چاۋشيەن ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلغان. مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى ئاخىرقى مەقسىتى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئىكەنلىكىنى، كالپۇك بولمىسا چىش توڭلايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەنلىكتىن، دەرھال ئەسكەر ئەۋەتىپ چاۋشيەنگە ياردەم بەرگەن.1592 - يىلى7 - ئايدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ياردەمچى ئارمىيىسى ياپونىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان پيوڭياڭغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، دۈشمەنگە سەل قارىغانلىقتىن غەلىبە قىلالمىغان. مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يەنە40 مىڭ كىشىلىك ياردەمچى قوشۇننى تولۇقلاپ ئەۋەتىپ، لى رۇسۇڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان.1593 - يىلى1 - ئايدا چاۋشيەن - جۇڭگو بىرلەشمە ئارمىيىسى پيوڭياڭنى قايتۇرۇۋالغان، ئارقىدىنلا كائېسۇڭنى قايتۇرۇۋالغان، لېكىن سېئولغا ھۇجۇم قىلغاندا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.3 - ئايدا چاۋشيەن - جۇڭگو بىرلەشمە ئارمىيىسى ئاتلىق قوشۇن بىلەن سېئولدىكى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، ياپونىيە ئارمىيىسى ئاشلىق قىس بولغانلىقتىن پۇسانغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش تىركىشىپ قېلىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان،1593 - يىلى4 - ئايدىن1597 - يىلى1 - ئايغىچە، ياپونىيە بىلەن چاۋشيەن تىنچلىق سۆھبىتىنى تۆت يىل داۋاملاشتۇرغان. ياپونىيە چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتىگە ھەرگىزمۇ تەن بەرمەستىن، چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھلار ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ پىتنە - ئىغۋا تېرىپ، لى شۇنچېنغا زىيانكەشلىك قىلىشنى پىلانلىغان.1597 - يىلى2 - ئايدا چاۋشيەن پادىشاھى بۇ قىلتاققا چۈشۈپ، لى شۇنچېننى قولغا ئېلىش پەرمانى چۈشۈرگەن. ياپونىيە ئارمىيىسى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغىغان.8 - ئايدا چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. ئارمىيە پۈتۈنلەي دېگۈدەك بەربات بولغان، شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە پۈتكۈل روداۋ رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقتىن، چاۋشيەن يەنە ھايات - ماماتلىق گىردابىغا بېرىپ قالغان. پادىشاھ چوڭ بالايىئاپەت ئالدىدا لى شۇنچېننى قويۇپ بېرىپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش چاۋۇشلۇقىغا يېڭىۋاشتىن تەيىنلەنگەن. لى شۇنچېننىڭ ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئېغىر زىيان تارتقان رېئاللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن مۇنتىزىم جەڭ قىلىشتىن ساقلىنىش قارارىغا كەلگەن. ئاندىن كېيىن مىڭلياڭدىكى جەڭدە ئاز ئەسكىرىي كۈچ بىلەن كۆپ دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ4000 دۈشمەننى يوقىتىپ، دۈشمەننىڭ30 نەچچە پاراخوتىنى پاچاقلاپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. ياپونىيە چاۋشيەنگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن،1597 - يىلى مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى دەرھال چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە40 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن ئەۋەتكەن.1598 - يىلى7 - ئايدا يەنە چېنلىن بىلەن دېڭ زىلۇڭ باشچىلىقىدىكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى چاۋشيەنگە ئەۋەتكەن.1598 - يىلى11 - ئايدا چاۋشيەن - جۇڭگو بىرلەشمە فلوتى ئوچۇق دېڭىز يۈزىدە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. بۇ رېنچېن ئۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۇرۇشىدۇر. بۇ دېڭىز ئۇرۇشى ئىككى كۈنگە يېقىن داۋاملاشقان، جەڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جىددىي بولغان، لى شۇنچېن ۋە جۇڭگولۇق گېنېرال دېڭ زىلۇڭ ئۇرۇشتا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قۇربان بولغان، لېكىن جۇڭگو - چاۋشيەن بىرلەشمە فلوتى ئاخىر غەلىبىگە ئېرىشكەن. بۇ جەڭدە ياپونىيىنىڭ جەمئىي450 دىن ئارتۇق پاراخوتى بىتچىت قىلىۋېتىلگەن ۋە ئولجا ئېلىنغان،15 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن يوقىتىلغان، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى پۈتۈنلەي تارمار قىلىنغان. ئۇزاق ئۆتمەي، دېڭىز ئۈستىدىكى ياردەمدىن مەھرۇم قالغان ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىمى پۈتۈنلەي يوقىتىلغان، رېنچېن ئۇرۇشى ئاخىر چاۋشيەن ۋە جۇڭگونىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
چاۋشيەننىڭ رېنچېن يىللىرىدىكى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki