ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى1898 - يىلى يۈز بەرگەن، بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۇبا بىلەن فىلىپپىننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش مەقسىتىدە پارتلىغان ئۇرۇشتۇر. ئۇرۇش كۇبا بىلەن فىلىپپىندا بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك يۈز بەرگەن.
ئۇرۇش كۇبانىڭ خاۋانا پورتىدا توختىغان ئامېرىكىنىڭ «ماين ناملىق» ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ1898 - يىلى2 - ئاينىڭ15 - كۈنى سىرلىق پارتلىتىۋېتىلگەنلىكىدىن قوزغالغان، ئامېرىكا بۇ پاراخوتنى ئىسپانىيىلىكلەر پارتلىتىپ چۆكتۈرۈۋەتتى دەپ ھۆكۈم قىلىپ،1898 - يىل4 - ئاينىڭ20 - كۈنى ئىسپانىيىگە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ كۇبادىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلغان.25 - كۈنى ئامېرىكا ئىسپانىيىگە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇرۇش1898 - يىلى4 - ئايدا ئۇرۇش ئېلان قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ7 - ئايدا ئىسپانىيە تەسلىم بولغانغا قەدەر ئۈچ ئاي داۋاملاشقان.1898
- يىل5 - ئاينىڭ1 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا فلوتى فىلىپپىننىڭ مانىلا قولتۇقىغا ھۇجۇم قىلغان. يېرىم كۈنگە بارمايلا ئىسپانىيە فلوتى (جۈملىدىن ئۇنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى پوتەيلىرى) بىتچىت قىلىنغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىسپانىيىنىڭ فىلىپپىندىكى مۇستەملىكە ئارمىيىسىمۇ ئامېرىكىغا تەسلىم بولغان.1898
- يىل12 - ئاينىڭ10 - كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە «پارىژ تىنچلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىدە: ئىسپانىيە كۇباغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىدىن ۋاز كېچىپ، كۇبانىڭ «مۇستەقىللىقى» نى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە پورتورىكو، غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىدىكى باشقا ئاراللار ۋە گۇئام ئارىلى، شۇنىڭدەك فىلىپپىننى ئامېرىكىغا بۆلۈپ بېرىدۇ؛ ئامېرىكا تۆلەم ھېسابىدا ئىسپانىيىگە20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.