UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلارئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار ئوتتۇرا شەرق ئادەتتە ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق ئۈچ قىتئەنى ھالقىپ ئۆتىدىغان رايونلارنى، جۈملىدىن غەربتە مىسىردىن باشلىنىپ شەرقتە ئىرانغىچە بولغان ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى كۆرسىتىدۇ. بۇ رايون خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت خەزىنىسى، شۇنداقلا ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرى بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ جەزمەن تالىشىدىغان جايى بولۇپ قالغان. كەڭ كۆلەملىك ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى1948 - يىلىدىن1973 - يىلىغىچە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ تۆت قېتىم يۈز بەرگەن.1947 - يىلى11 - ئايدا ب د ت پەلەستىننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، پەلەستىندە ئەرەب دۆلىتى بىلەن يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى بەلگىلىدى، بۇ قارار يەھۇدىيلارغا پايدىلىق بولغانلىقتىن، پەلەستىندىكى ئەرەبلەر ئۇنىڭغا قارشى تۇردى.1948 - يىل5 - ئاينىڭ15 - كۈنى يەھۇدىيلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، پەلەستىندە ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.16 - كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىر، ئىراق، لىۋان، سۈرىيە، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بەردى (يەنى بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى). بەلگىلىمە بويىچە ئىسرائىلىيىنىڭ زېمىنى14 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن1949 - يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا، ئۇ پەلەستىننىڭ20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق يېرىنى كونترول قىلىۋېلىپ،960 مىڭ پەلەستىنلىكنى يۇرت - ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنى مۇساپىر قىلىپ قويدى.1956 - يىلى7 - ئايدا مىسىر سۇۋەيش قانىلىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى،10 - ئاينىڭ ئاخىرى ئىسرائىلىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە مىسىرغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى)،11 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئۇرۇش توختىدى.1967 - يىل6 - ئاينىڭ5 - كۈنى، ئىسرائىلىيە ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى قوزغاپ، مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ،65 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ئىشغال قىلىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن500 مىڭ ئەرەب يۇرت - ماكانسىز قالدى. ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق زوراۋانلىقى ئالدىدا ئەرەب دۆلەتلىرى ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى.1973 - يىل10 - ئاينىڭ6 - كۈنى (يەھۇدىي دىنىدىكى گۇناھ يۇيۇش كۈنى) مىسىر ئارمىيىسى ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە سۇۋەيش قانىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا «بالېف مۇداپىئە لىنىيىسى» قۇرۇپ، توققۇز تانكا ۋە پىيادە ئەسكەرلەر برىگادىسىنى ئۇ يەرنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە بۇ مۇداپىئە لىنىيىسى يىمىرىلمەس دەپ بايانات ئېلان قىلدى. لېكىن،10 سائەت ئىچىدە مىسىر ئارمىيىسى بالېﻒ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر برىگادىسىنى تولۇق يوقاتتى، كېيىن يەنە سىناي ئارىلىغا بېسىپ كىردى.10 - ئاينىڭ14 - كۈنى مىسىر ئارمىيىسى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى تانكا چوڭ ئۇرۇشى قىلدى، ئىككى تەرەپ بۇنىڭغا جەمئىي1600 تانكا چىقاردى، بۇ ئۇرۇش مىسلىسىز كەسكىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۈرىيە ئارمىيىسى بىلەن پەلەستىن پارتىزانلار ئەترىتىمۇ گىلان ئېگىزلىكى بىلەن ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان باشقا رايونلاردا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قوزغىدى. باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى مىسىرغا ۋە سۈرىيىگە كەينى - كەينىدىن ماددىي ياردەم بەردى، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىر قېتىمدىلا1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مالىيە ياردىمى بەردى. نېفىت چىقىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى نېفىتنى قورال قىلىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنى قوللىغۇچىلارغا نېفىت چەكلەش ھەرىكىتىنى قوللاندى.10 - ئاينىڭ22 - كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى «بۇ جايدا ئۇرۇش توختىتىش» توغرىسىدىكى سوۋېت - ئامېرىكا بىرلەشمە تەكلىپىنى ماقۇللىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. تۆتىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئۆكتەبىر ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار