پونى ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
پونى ئۇرۇشى قەدىمكى رىم بىلەن كارتاگىئلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتۇر، قەدىمكى رىملىقلار فىنىكىيلار پونىلار دەپ ئاتىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارتاگ فىنىكىيلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولغاچقا، كىشىلەر بۇ ئۇرۇشنى «پونى ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان.
كارتاگ ھازىرقى شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنىسقا جايلاشقان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئەڭ دەسلەپتە فىنىك كۆچمەنلىرى قۇرغان شەھەر دۆلىتى ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7 - ئەسىرگە كەلگەندە ئۇ تەرەققىي قىلىپ غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ، شىمالىي ئافرىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويى، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبى، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى، كورسىكا ئارىلى، ساردېگنا ئارىلى ۋە بالېئارې تاقىم ئارىلى قاتارلىق كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. كارتاگنىڭ ئۆز زېمىنىمۇ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سودا تۈگۈنىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.
رىمنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە سىرتقا بولغان كېڭەيمىچىلىكى بۇنىڭدىن كۆپ كېيىن، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى3 - ئەسىرگە كەلگەندىلا رىم ئاندىن ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چەت ئەللەرگە قاراپ كېڭىيىپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا زومىگەر بولۇشقا ئۇرۇنغان. شۇ سەۋەبتىن كارتاگىئانلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇشقانلىقتىن، ئاخىر ئۇرۇش پارتلىغان. بۇ ئۇرۇش مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى264 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى146 - يىلىغىچە داۋاملىشىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەن، ئەڭ ئاخىردا رىملىقلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشقان.
بىرىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى رىم بىلەن كارتاگنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىنى تالىشىشى ئىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەت تالىشىش ئۇرۇشى ئارقىلىق مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى241 - يىلى رىم دېڭىز ئارمىيىسى سىتسىلىيە دېڭىز يۈزىدە كارتاگ دېڭىز ئارمىيىسىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلغاندا، كارتاگ سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن، سىتسىلىيە رىمنىڭ بىرىنچى مەمۇرىي ئۆلكىسى (يەنى چەت ئەلدىكى زېمىنى) بولۇپ قالغان. ئۇزاق ئۆتمەي رىم يەنە ساردىنىيە ئارىلى بىلەن كورسىكا ئارىلىنى قوشۇۋېلىپ، ئۇلارنىمۇ رىمنىڭ ئۆلكىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى218 - يىلى باشلانغان. رىم ئەسلىدە ئەسكەرلىرىنى ئىككى يولغا بۆلۈپ، بىر يولدا ئىسپانىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، كارتاگنىڭ گاننىبالغا قوماندانلىق قىلىشىنى چەكلىمەكچى بولغان، بىر يولدا سىتسىلىيە ئارقىلىق كارتاگنىڭ ئۆز زېمىنىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. لېكىن گاننىبال ئالدىن قول سېلىپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى218 - يىلى ئەتىيازدا چوڭ قوشۇننى باشلاپ ئالىپ تېغىدىن ئۆتۈپ تۇيۇقسىزلا ئىتالىيىدە پەيدا بولۇپ، رىملىقلارغا كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە قاتتىق زەربە بەرگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى202 - يىلى رىم ئارمىيىسى بىلەن گاننىبال كارتاگنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ساما دېگەن جايدا ئۇرۇش قىلغان، گاننىبال تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم جەڭدە مەغلۇپ بولغان، ئۇ ئۆزى سۈرىيىگە قېچىپ كېتىپ، قايتا باش كۆتۈرمەكچى بولغان.
ساما ئۇرۇشىدىن كېيىن، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە كارتاگ يەنە تەدرىجىي قايتا گۈللەنگەن. رىمدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر خاتىرجەم بولالماي، كارتاگنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئىرادىسىگە كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن كارتاگ بىلەن قوشنا دۆلەت نۇمىدىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن پايدىلىنىپ ئەسكەر چىقىرىپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى149 - يىلى كارتاگقا ھۇجۇم قىلىپ ئۈچىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىنى قوزغىغان. كارتاگىئانلار بۇ چاغدا قىلچىمۇ تەييارلىقى بولمىغانلىقتىن، نۇمىدىيە كارتاگ شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. رىملىقلار كارتاگ شەھىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ خارابىلىرىنى ساپان بىلەن ئاغدۇرۇپ تېرىقچىلىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كارتاگ رىمنىڭ ئافرىكا ئۆلكىسى بولۇپ قالغان، تالان - تاراجدىن كېيىن ئامان قالغان50 مىڭ ئاھالىسى پۈتۈنلەي قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن كارتاگ تارىختا يوقىلىپ كەتكەن.