UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلارئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە ھۇجۇم قىلىشى

ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە ھۇجۇم قىلىشى

دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن چېگرىسى ئىچىدە ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى شەھەر − ئېرۇسالېم بار. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، خرىستىئان دىنىنىڭ ئىجادچىسى ئىيسا بۇ يەردە ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن ۋە ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يەر خىرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى مۇقەددەس جاي بولۇپ قالغان.1071 - يىلى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى مانتىسكېرت جېڭىدە ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان، غەلىبە قىلغان سەلجۇق تۈركلىرى ئېرۇسالېمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل كىچىك ئاسىيانى كونترول قىلىۋالغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى رىم پاپاسى ئۇربان Ⅱ دىن ياردەم تىلەشكە مەجبۇر بولغان. بۇ رىم ۋاتكانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پراۋوسلاۋىيە دىنىنى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە يېڭىۋاشتىن كىرگۈزۈۋېلىشنىڭ ئىنتايىن ياخشى پۇرسىتى ئىدى.1095 - يىلى11 - ئايدا رىم پاپاسى ئۇربان Ⅱ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كلېمىن دىنى يىغىنىدا كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان نۇتۇق سۆزلىگەن، ئۇ مۇقەددەس جاينى قايتۇرۇۋېلىش چاقىرىقى بىلەن شەرقنىڭ بايلىقى مول ۋە ئادىمى زىچ دېگەن سۆز بىلەن ئازدۇرۇپ، دىن نىقابىدىكى تالان - تاراج ئۇرۇشىنى قوزغىغان. بۇنىڭغا قاتناشقانلار مەيدىسىگە ۋە بىلىكىگە تاقىغان بەلگىدە خرىستىئان دىنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان »+« خەت بولغانلىقتىن، بۇ قوشۇن ئەھلىسەلىپ دەپ ئاتالغان.1096 −1270 - يىللىرى ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ سەككىز قېتىم يۈز بەرگەن. ئەھلىسەلىپ بىرىنچى قېتىملىق شەرققە يۈرۈش قىلىشتا ئېرۇسالېمنى بىر مەھەل ئىگىلىۋالغان بولسىمۇ، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە قولدىن بېرىپ قويغان.4 - قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ئەھلىسەلىپنىڭ خاراكتېرىنى ئەڭ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، دىنسىزلارنىڭ قولىدىن مۇقەددەس جاينى تارتىۋېلىشقا چاقىرغان ئەھلىسەلىپ بۇ قېتىم ھۇجۇم نىشانىنى ئۆزىنىڭ خرىستىئان دىنى ھەمراھى — ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولغا قاراتقان.1204 - يىلى ئەھلىسەلىپ چەۋەندازلىرى كونستانتىنوپولنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، كۆيدۈرۈش، ئۆلتۈرۈش، بۇلاشنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شەھەر تەلتۆكۈس تالان - تاراج قىلىنغان، چېركاۋدىكى مۇقەددەس قاچا - قۇچىلارمۇ بۇنىڭدىن خالىي بولالمىغان، كونستانتىنوپول ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، بۇ ئەھلىسەلىپنىڭ دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بۇلاڭچىلار ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەھلىسەلىپنىڭ4 - قېتىملىق شەرققە يۈرۈش قىلىشى بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ خارابىسىدە لاتىن ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇمۇ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى بىرقانچە قېتىم بولغان بولسىمۇ، بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ، ئاخىردا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە ھۇجۇم قىلىشى | UyghurWiki | UyghurWiki