ۋيېتنام، لائوس، كامبود ژىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھىندىچىنىدىكى ۋيېتنام، لائوس ۋە كامبودژا قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. فرانسىيە ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يېڭىۋاشتىن باش كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ،1945 - يىلى9 - ئايدا ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى،10 - ئايدا كامبودژانى ئىشغال قىلىۋالدى، يىل ئاخىرىدا لائوسقا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئۈچ دۆلەت خەلقى توققۇز يىلغا سوزۇلغان فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى.1946
- يىلى12 - ئايدا فرانسىيە فرانسىيە بىلەن ۋيېتنامنىڭ «دەسلەپكى كېلىشىم» ىنى ۋە «ۋاقىتلىق كېلىشىم» ىنى يىرتىپ تاشلاپ، دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيىسىدىن160 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىپ، ۋيېتنامغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى. فرانسىيە ئارمىيىسى زامانىۋى ھەربىي قورال - جابدۇقلىرىغا تايىنىپ، ۋيېتنام خەلق ئارمىيىسىنى بىراقلا يوقىتىپ، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنى بۆشۈكىدە تۇنجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بولدى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ۋيېتنام خەلق ئارمىيىسى ئىستراتېگىيىلىك مۇداپىئە كۆرۈش فاڭجېنىنى قوللىنىپ، شىمالدىكى تاغلىق رايونلاردا ئۇرۇشقا قارشى بىرمۇنچە بازىلارنى قۇرۇپ، فرانسىيە ئارمىيىسىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇردى.1950 - يىلى9 - ئايدىن باشلاپ ۋيېتنام خەلق ئارمىيىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ مەدىتى بىلەن تەدرىجىي ھالدا ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بىر قاتار چېگرا ئۇرۇشلىرىنى قوزغىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ۋيېتنام خەلق ئارمىيىسى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ لاۋكەي، لاڭسەن قاتارلىق جايلىرىدىكى بازىلىرىنى بىتچىت قىلىپ، شىمالدىكى ئازاد رايونلارنى جۇڭگو بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئىشەنچلىك ئارقا سەپكە ئېرىشتى.1954
- يىلى3 - ئايدا ۋيېتنام خەلق ئارمىيىسى فرانسىيە ئارمىيىسى زور قوشۇن بىلەن ساقلاۋاتقان غەربىي شىمالدىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي ديېن بيېن فۇنى قورشىۋالدى. فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ناۋار5000 دىن ئارتۇق خىل ئەسكەرنى يۆتكەپ، ديېن بيېن فۇغا پاراشوت ئارقىلىق چۈشۈردى ھەمدە ديېن بيېن فۇ ئەتراپىدا مۇستەھكەم ئىستېھكام قۇرۇپ، جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرماقچى بولدى.50 نەچچە كۈنلۈك كەسكىن جەڭ ئارقىلىق ۋيېتنام خەلق ئارمىيىسى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ160 مىڭ ئادىمىنى تولۇق يوقىتىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى دېكاستېلنى تىرىك تۇتۇۋېلىپ، ديېن بيېن فۇنى ئازاد قىلدى.
ديېن بيېن فۇ ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن فرانسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ جانلىق كۈچى يوقىتىلىپ، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرى1954 - يىلى7 - ئايدا جەنۋەدە، ۋيېتنام، لائوس ۋە كامبودژالار بىلەن دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ھەققىدىكى كېلىشىملەر (بۇنىڭ ئومۇمىي نامى «جەنۋە كېلىشىمى») نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى، ۋيېتنام، لائوس، كامبودژا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، فرانسىيىنىڭ ھىندىچىنىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ، ھىندىچىنى تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.