UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلارئەنگلىيە - ئارگېنتىنا مالۋىناس ئارىلى ئۇرۇشى

ئەنگلىيە - ئارگېنتىنا مالۋىناس ئارىلى ئۇرۇشى

دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا مالۋىناس تاقىم ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش سەۋەبىدىن1982 - يىل4 - ئاينىڭ2 - كۈنىدىن باشلاپ74 كۈن كەسكىن ئۇرۇش قىلدى. بۇ ئۇرۇش ئەنگلىيە - ئارگېنتىنا مالۋىناس ئارىلى ئۇرۇشى دېيىلىدۇ. جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئارگېنتىنا شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا450 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئارال چوڭ مالۋىناس ئارىلى، سولېداد ئارىلى ۋە بەزى كىچىك ئاراللاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن12 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى1900 دىن ئاشىدۇ (1984 - يىلى)، بۇنىڭ %97 ى ئەنگلىيىلىكلەر.17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيىلىكلەر بۇ تاقىم ئارالنى بايقاپ، ئۇنىڭغا فالكلاند تاقىم ئارىلى دەپ نام قويغان.1764 - يىلى فرانسىيىلىكلەر بۇ ئارالدا مەھەللە قۇرۇشقا باشلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا مالۋىناس دەپ نام قويغان.1767 - يىلى فرانسىيە ئۇنى ئىسپانىيىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن.1816 - يىلى ئارگېنتىنا ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇپ، بۇ ئارالغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيە ئەۋەتىپ، ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلىگەن.1883 - يىلى ئەنگلىيە ئالدى بىلەن بۇ تاقىم ئارالنى بايقىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئەسكەر ئەۋەتىپ مەجبۇرىي ئىگىلىۋالغان. شۇڭا، مالۋىناس ئارىلىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش بولغان، بۇ تالاش - تارتىش ئۇزاققىچە ھەل قىلىنماي كەلگەن.1982 - يىل4 - ئاينىڭ2 - كۈنى ئارگېنتىنا دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيىسىدىن4000 دىن ئارتۇق ئەسكەر چىقىرىپ مالۋىناس ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بۇ ئارالدىكى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپ، مالۋىناس ئارىلىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.4 - ئاينىڭ24 - كۈنى قۇدرەتلىك بىر ئەنگلىيە ئالاھىدە دېڭىز فلوتى بۇ ئارالغا يېتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ كەسكىن جەڭ قىلدى. ئارگېنتىنا بۇنىڭغا10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر،80 نەچچە ھەربىي پاراخوت ۋە200 ئايروپىلان چىقاردى؛ ئەنگلىيە ئىككى ئاۋىئاماتكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان100 دىن ئارتۇق ھەربىي پاراخوت140 ئايروپىلان ۋە27 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر چىقاردى. بۇ ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى كۈچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئېلېكترونلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ئىلغار قوراللارنى ئىشلىتىپ، زامانىۋى چوڭ دېڭىز ئۇرۇشى قىلدى.5 - ئاينىڭ2 - كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز ئاستى پاراخوتى بېلىق مىناسى بىلەن ئارگېنتىنا ئارمىيىسىنىڭ10 مىڭ تونناژلىق «گېنېرال» ماركىلىق كرېيسېرىنى چۆكتۈرۈۋەتتى.5 - ئاينىڭ4 - كۈنى ئارگېنتىنا ھاۋا ئارمىيىسى فرانسىيىدە ئىشلەنگەن «ئۇچار بېلىق» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ «شېفىرد» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى.6 - ئاينىڭ12 - كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى مالۋىناس ئارىلىنى ساقلاۋاتقان ئارگېنتىنا ئارمىيىسىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى.6 - ئاينىڭ16 - كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى مالۋىناس ئارىلىنى يېڭىۋاشتىن ئىگىلىۋالدى. بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، مالۋىناس ئارىلىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى يەنىلا ئۇزاققىچە ھەل بولمايۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
ئەنگلىيە - ئارگېنتىنا مالۋىناس ئارىلى ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki