UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلاركادېش ئۇرۇشى

كادېش ئۇرۇشى

دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار كادېش ئۇرۇشى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1312 - يىلى يۈز بەرگەن، ئۇ قەدىمكى مىسىر بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت خىتتىتنىڭ كىچىك ئاسىيا رايونىنى تالىشىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاساسلىق ئۇرۇشنىڭ بىرى. مىسىر قەدىمكى دۆلەت، خىتتىتلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشى مىسىردىن كېيىن ئىدى. خىتتىتلار تۆمۈر قورالنى ئەڭ بالدۇر كەشىپ قىلغان ۋە ئىشلەتكەنلىكتىن، تېزدىن قەد كۆتۈرۈپ ھەربىي قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ، مىسىرنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى ئەنئەنىۋى زومىگەرلىك ئورنىغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1317 - يىلى مىسىر فىرئەۋىنى رامسېس Ⅱ تەختكە ئولتۇرغان. ئۇ مىسىرنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1312 - يىلى ئۆزى بىۋاسىتە30 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ خىتتىتقا جازا يۈرۈشى قىلغان. خىتتىتلار سۈرىيىنىڭ كادېش شەھەر قەلئەسىدە بۆكتۈرمە قويۇپ، مىسىرلىقلار بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى قارار قىلغان. كادېش شەھەر قەلئەسى ئورونت دەريا بويىدىكى ئېگىز جايغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپلا غەربىي ئاسىيادىكى مۇھىم قاتناش يولى، شۇنداقلا مىسىر ئارمىيىسى چوقۇم ئۆتىدىغان جاي ئىدى. رامسېس Ⅱ كادېشنى ئۆزىنىڭ ھۇجۇم قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نىشانى قىلغان، ئەمما خىتتىتلارنىڭ ئىلگىرىلا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى بىلەلمىگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1312 - يىل5 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى مىسىر ئارمىيىسى ئورونت دەريا بويىغا يېتىپ بارغان. مىسىر ئەسكەرلىرى چارۋىچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئىككى خىتتىت چەۋەندازنى تۇتۇۋالغان، بۇ خىتتىتلار رامسېسقا خىتتىت دۆلىتى پادىشاھىنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كادېشتىن چېكىنىپ چىقىپ، ئەسكەر تارتىپ يىراققا كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. رامسېس Ⅱ بۇ خەۋەرگە ئىشىنىپ قېلىپ، پۈتۈن قوشۇننىڭ تولۇق كېلىشىنى كۈتمەستىنلا ئەسكەر تارتىپ دەريادىن ئۆتۈپ، كادېش شەھەر قەلئەسىگە قىستاپ بېرىپ لاگېردا دەم ئالغان. بۇ چاغدا قەلئە ئەتراپىغا يوشۇرۇنۇۋالغان خىتتىتلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، رامسېس Ⅱ نى كادېش شەھەر قەلئەسىدە قورشاۋغا ئالغان. بەختكە يارىشا ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كەلگەچكە، رامسېس Ⅱ ئاندىن لەشكەر تارتىپ كادېش قەلئەسىگە يوشۇرۇنۇۋالغان. بۇ جەڭ ئارقىلىق مىسىرنىڭ يىراققا سەپەر قىلىش قوشۇنى ھالسىزلىنىپ كېتىپ، خىتتىتلارنىڭ جەڭنى توختىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ماقۇل كۆرۈپ، مىسىرغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. كادېش ئۇرۇشىدىن كېيىن، مىسىر بىلەن خىتتىت ئوتتۇرىسىدا يەنە كۆپ يىللار ئۇرۇش بولغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1296 - يىلىغا كەلگەندىلا خىتتىت بىلەن مىسىر تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ تىنچلىق شەرتنامىسى تەخمىنەن ھازىرغىچە بىز بىلگەن ئەڭ بالدۇر تۈزۈلگەن خەلقئارا شەرتنامىدۇر. بۇ شەرتنامىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ساقلانمىغان، لېكىن ئۇنىڭ ئىككى قوشۇمچە نۇسخىسى تا ھازىرغا قەدەر ساقلانغان: ئۇنىڭ بىرى، مىسىر يېزىقىدا مىسىرنىڭ كاناك ئىبادەتخانىسىنىڭ تېمىغا ئويۇپ قويۇلغان؛ يەنە بىرى، خىتتىت يېزىقىدىكى شىنا يېزىقتا يېزىلغان بولۇپ، بېرلىن مۇزېيىدا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
كادېش ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki