UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلارسوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى

دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار 1979 - يىل12 - ئاينىڭ27 - كۈنى ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئەمدىلا قاراڭغۇ چۈشۈشىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاراشۇت قىسىمى ئافغانىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە قاراپ يول ئالدى. بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن، كابۇل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا: ئافغانىستان زۇڭتۇڭى ئامىن ئىنقىلابىي سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، كامال ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەندى، سوۋېت ئارمىيىسى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئافغانىستانغا كېلىپ ئورۇنلاشتى دېگەن دۇنيانى زىلىزىلىگە كەلتۈرىدىغان بىر خەۋەرنى ئاڭلاتتى. بۇ خەۋەر ئافغانىستاننى ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئارمىيىسى ئىشغال قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. سوۋېت ئارمىيىسى نېمە ئۈچۈن ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىدۇ؟ ئەسلىدە1978 - يىلى4 - ئايدا ئافغانىستان خەلق دېموكراتىك پارتىيىسى ئاپرېل ئىنقىلابىنى قوزغاپ پادىشاھلىق ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغانىدى.1979 - يىلى9 - ئايدا يېڭىدىن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەن ئامىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن خەلق دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى تاراجىنى ئۆلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى تەنھا ئىگىلىگەنىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئارمىيە ئەۋەتىپ ئامىننى ئۆلتۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياقلايدىغان كامالنى تەختكە يۆلەپ چىقاردى. كامال ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، سوۋېت ئارمىيىسى100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئافغانىستاندا دائىم تۇرغۇزدى. ئافغانىستان خەلقى نەچچە ئون قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، سوۋېت ئارمىيىسىگە زەربە بەردى. ب د ت چوڭ يىغىنى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئالتە قېتىم قارار ماقۇللاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندىن بارلىق ئارمىيىسىنى شەرتىسز چېكىندۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدىن نارازى بولدى. گورباچېۋ تەختكە چىققاندىن كېيىن، سوۋېت ھۆكۈمىتى تاشقى سىياسىتىنى تەڭشىدى، سوۋېت ئارمىيىسى1989 - يىلى2 - ئايدا ئافغانىستاندىن تولۇق چېكىنىپ چىقتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشى ئافغانىستان خەلقىگە غايەت زور بالايىئاپەت ياغدۇردى. ئۇرۇشتا500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، كەنتلەرنىڭ %70 ى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى،5 مىليون500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم (پۇقرالارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ) چەت ئەلگە چىقىپ سەرگەردان بولۇپ، مۇساپىر بولۇپ كەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىمۇ غايەت زور چىقىم تارتتى، ئۆلگەن، يوقاپ كەتكەن ۋە يارىلانغان ئادەم سانى50 مىڭغا يېقىنلاشتى. ئۇرۇش چىقىمى20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار