UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلارئەنگلىيە - فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشى

ئەنگلىيە - فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشى

دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار 1066 - يىلى فرانسىيىدىكى نورماندى گېرتسوگى (كىنەزى) ئەنگلىيىنى بويسۇندۇرغان ھەمدە ئەنگلىيىگە پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە فېئوداللىرى ئوتتۇرىسىدا خانلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۆزىگە قاراشلىق زېمىنلارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە دائىم ماجىرا يۈز بېرىپ تۇرغان، بۇنداق ماجىرا ۋە توقۇنۇش ئاخىرقى ھېسابتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا100 نەچچە يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ تارىختا «100 يىللىق ئۇرۇش» دەپ ئاتالغان. ئەنگلىيە پادىشاھى جەمەتىدىكىلەر فرانسىيىدە بىپايان زېمىننى ئىگىلىۋالغان، فرانسىيە پادىشاھى12 - ۋە13 - ئەسىردە بۇ زېمىنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى پەيدىنپەي تارتىۋالغان، لېكىن ئەنگلىيە يەنىلا فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، فرانسىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىرلىككە كېلىشىنىڭ ئەڭ زور توسالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا يەنە بايلىقى مول ۋە ئادىمى كۆپ بولغان فلاندرىيە تالاش - تارتىشتا قالغان. فلاندرىيە ھازىرقى فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالى ۋە بېلگىيە ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇ14 - ئەسىردە ياۋروپا بويىچە سودا ۋە قول سانائىتى ئەڭ تەرەققىي تاپقان جاي ئىدى.1337 - يىلى فرانسىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅵ ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ فرانسىيىدىكى زېمىنىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەنگلىيە پادىشاھى ئېدۋارد بولسا فرانسىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅳ نىڭ نەۋرىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، فرانسىيە پادىشاھىنىڭ ئورنىنى تالىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقتىن، ئاخىر بىر مەيدان ئۇرۇش پارتلىغان.1340 - يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپ، ئېنگلىس بوغۇزىنى كونترول قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئارمىيىسى فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش فرانسىيىدە باشلىنىپ كەتكەن.1346 - يىلى ئىككى تەرەپ كرېسىدا ئۇرۇشقاندا، فرانسىيە ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولغان. كېيىنكى يىلى ئەنگلىيە كالې پورتىنى ئىشغال قىلىۋالغان، بۇ دېڭىز پورتى شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇزاققىچە ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان.1356 - يىلى ئىككى ئارمىيە يەنە پۇئاتيېدا2 - قېتىم چوڭ ئۇرۇش قىلغاندا، فرانسىيىنىڭ پۈتكۈل ئارمىيىسى بەربات بولغان، پادىشاھ جون ئەسىرگە چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولغان.1360 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە برېتگنى تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، ئەنگلىيە پادىشاھىنى فرانسىيىدە بىپايان زېمىنغا ئىگە قىلىپ قويغان، ئەنگلىيە پادىشاھى فرانسىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئورنىنى تالىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكتىن، ئۇرۇش ۋاقتىنچە ئاخىرلاشقان.1364 - يىلى جون ئەنگلىيە تۈرمىسىدە ئۆلگەن، ئۇنىڭ ئوغلى چارلېس 5 (1364 −1380 ) ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان.1369 - يىلى بۇ ئۇرۇش يەنە بىر قېتىم پارتلىغان. بۇ ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە فرانسىيە زور غەلىبىگە ئېرىشكەن.1380 - يىلىغا كەلگەندە، قولدىن كەتكەن بارلىق زېمىنىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قايتۇرۇۋالغان.1396 - يىلى ئىككى تەرەپ ئۇرۇشنى توختىتىپ،28 يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.1415 - يىلى فرانسىيە ھۆكۈمران گۇرۇھىدا ئىچكى نىزا پەيدا بولغان، ئەنگلىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغىغان.1415 - يىلى8 - ئايدا ئەنگلىيە پادىشاھى ھېنرىي Ⅴ60 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن باشلاپ، فرانسىيىنىڭ نورماندىيە دېگەن يېرىدە قۇرۇقلۇققا چىققان.10 - ئايدا بۇ ئىككى قوشۇن گالېنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئازىنكۇرتتا جەڭ قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. لېكىن ھېنرىي پارىژغا غەلىبىسېرى ھۇجۇم قىلماستىن، بەلكى ئەسكىرىنى ئەنگلىيىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، فرانسىيە ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ يەنىمۇ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇرغان.1420 - يىلى ئۇ فرانسىيە پادىشاھى چارلېس Ⅵ نىڭ قىزىنى ئالغان ھەمدە چارلېسنى بۇ شەرتنامىنى ئىمزالاشتا ئۆزىنىڭ فرانسىيە پادىشاھىنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. كۈتۈلمىگەندە1422 - يىلى8 - ئايدا ئەنگلىيە پادىشاھى ھېنرىي Ⅴ تۇيۇقسىزلا ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ يىلى10 - ئايدا فرانسىيە پادىشاھى چارلېس Ⅵ مۇ ئالەمدىن ئۆتكەن. ھېندىي Ⅴ نىڭ ئوغلى ھېنرىي Ⅵ فرانسىيە پادىشاھىنىڭ شاھزادىلىك شەرتىگە ئاساسەن ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ، ئۇ تېخى ئەمدىلا10 ئايلىق بولغان بوۋاق ئىدى. بۇ چاغدا چارلېسنىڭ ئوغلىمۇ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ تارىختا چارلېس Ⅶ دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىدە ئىككى پادىشاھ تەڭ مەۋجۇت بولۇش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن ھەمدە ئۇرۇش ئوتلىرى يېڭىۋاشتىن يانغان.1428 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى فرانسىيىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ناھايىتى تېزدىنلا فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا يېتىپ بارغان ھەمدە جەنۇبىي دەرۋازىغا تۇتىشىدىغان ئورلېئانسنى قورشىۋالغان. مۇشۇ پەيتتە، فرانسىيە خەلقى ئايال قەھرىمان جېنناد ياركنىڭ يېتەكچىلىكىدە قارشىلىق كۆرسەتكەن. جېنناد يارك يېتەكچىلىكىدىكى دېھقانلار قوشۇنىنىڭ مەدىتى بىلەن چارلېس Ⅶ مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇپ،1436 - يىلى پارىژنى قايتۇرۇۋالغان.1453 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن فرانسىيە ئارمىيىسى بوردو ئەتراپىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، بۇ جەڭدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى پۈتۈنلەي ھالاك بولغان، ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيىدىكى زېمىنى گالې پورتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا پۈتۈنلەي فرانسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان، ئەنگلىيە - فرانسىيە100 يىللىق ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
ئەنگلىيە - فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki