ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
ۋاتېرلۇ بېلگىيىدىكى برۇكسېللېس شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى كىچىك كەنت.1815 - يىلى6 - ئايدا ناپولېئون Ⅰ فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن بۇ يەردە ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. نەتىجىدە ناپولېئون مەغلۇپ بولۇپ، ئۆمۈرلۈك سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ۋاتېرلۇمۇ دۇنياغا داڭلىق جايغا ئايلىنىپ، بۇ نام ئەڭ ئاخىردىكى مەغلۇبىيەت ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ قالغان.1813
- يىلى10 - ئايدا ياۋروپادا ئون نەچچە يىل زومىگەرلىك قىلغان ناپولېئون لېيپزىگ ئۇرۇشىدا فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، فرانسىيە ئارمىيىسى ئېغىر چىقىم تارتقان.1814 - يىلى3 - ئايدا فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە پارىژغا قىستاپ كەلگەن. ناپولېئون نائىلاج ئورۇن بىكارلىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە بوربۇن پادىشاھلىقىدىكى لۇئى 18 پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان.
بوربۇن خانىدانلىقى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن تەتۈر يول تۇتۇپ، فرانسىيىدە كىشىلەرنى پاراكەندىچىلىككە سالغان، ۋيېنادا يىغىن ئېچىۋاتقان فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرمۇ مەنپەئەت توقۇنۇشى تۈپەيلىدىن قاتتىق غوۋغا كۆتۈرگەن. ئېلبا ئارىلىغا قېچىپ بارغان ناپولېئون مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ1815 - يىل2 - ئاينىڭ26 - كۈنى ئېلبا ئارىلىدىن مەخپىي قېچىپ كەتكەن.3 - ئاينىڭ1 - كۈنى ئۇ فرانسىيە دېڭىز قىرغىقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان.
ناپولېئوننىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشى فرانسىيە دېھقانلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ يول بويى ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىغان.20 - كۈنى ناپولېئون پارىژغا كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن لۇئى 18 يەنە بىر قېتىم قېچىپ كەتكەن، ناپولېئون خانلىق ئورنىغا يېڭىۋاشتىن چىققان، لېكىن ئۇنىڭ بۇ قېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى100 كۈن چامىسىدىكى ۋاقىت تارىختا »100 كۈنلۈك سىياسىي ئۆزگىرىش« ياكى »100 كۈنلۈك خانىدانلىق« دەپ ئاتالغان.
ناپولېئوننىڭ خانلىق ئورنىغا يەنە شۇنچە ئاسان چىقىۋېلىشى ۋيېنادا يىغىن ئېچىۋاتقان فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئىتتىپاقنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇۋەتكەن. ئۇلار شۇ ھامان مۇنازىرىنى توختىتىپ، يەنە بىر قېتىم بىرلىشىپ ناپولېئونغا ئورتاق تاقابىل تۇرغان.3 - ئاينىڭ25 - كۈنى ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېزدىن7 - قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ، ناپولېئوننىڭ تىنچلىق سۆھبىتى تەلىپىنى رەت قىلغان.1815 - يىلى6 - ئايدا فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق700 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن توپلاپ، پارىژغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان، ناپولېئون بولسا مۇشۇ قىسقىغىنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئارانلا180 مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلىيالىغان. ناپولېئون ھۇجۇم ئارقىلىق مۇداپىئە كۆرۈش، بىر - بىرلەپ تارمار قىلىش قارارىغا كەلگەن.6
- ئاينىڭ18 - كۈنى ناپولېئون بىلەن ئەنگلىيە - گوللاندىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ۋاتېرلۇدا جەڭ قىلغان. بۇ جەڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت11 دە باشلانغان، بلۇشېر باشچىلىقىدىكى پرۇسسىيە ئارمىيىسى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز پەيدا بولغان. گرۇس باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى باشتىن - ئاخىر يېتىپ كېلەلمىگەن. ئەسكىرىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە بىرلەشمە ئارمىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكتىن، ئۇرۇش ۋەزىيىتى جىددىي ئۆزگەرگەن. كەچ سائەت سەككىزدە ئەنگلىيە - گوللاندىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن پرۇسسىيە ئارمىيىسى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ئارمىيىسى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تارمار قىلىنغان. ناپولېئون پارىژغا قېچىپ بېرىپ،22 - كۈنى يەنە بىر قېتىم ئورۇن بىكارلىغان. بۇ قېتىم ئۇ ئوكيانىيىدىكى مۇقەددەس ھېلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان، ئاخىردا شۇ يەرنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلگەن. ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى ناپۇلېئون دەۋرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاياغلاشتۇرغان.7
- ئاينىڭ8 - كۈنى بوربۇن خانىدانلىقى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ھىمايىسىدە پارىژغا يېڭىۋاشتىن قايتىپ كېلىپ،2 - قېتىم تىرىلگەن.