پارس قولتۇقى ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
نېفىت كۆپ چىقىدىغان پارس قولتۇقى رايونى ئەزەلدىن تارتىپلا غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر تالىشىدىغان جاي ئىدى، شۇڭا، قىسمەن ئۇرۇش بۇ يەردە دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئىراقنى بۇ رايوندىكى ھەربىي قۇدرەتلىك دۆلەت دېيىشكە بولاتتى. پارس قولتۇقىدىكى نېفىت بايلىقىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىراق ئىرانغا قارىتىلغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي تىغ ئۇچىنى يەنە كۇۋەيتكە قاراتتى. شۇنىڭ بىلەن1991 - يىلىدىكى «پارس قولتۇقى ئۇرۇشى» قوزغالدى.1990
- يىل8 - ئاينىڭ2 - كۈنى ئىراق زۇڭتۇڭى سادام ھۈسەيىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كۇۋەيتنى قورال كۈچى بىلەن قورشىۋالدى ھەمدە ب د ت كۇۋەيتتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى بەلگىلىگەن ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت بولغان1991 - يىل1 - ئاينىڭ15 - كۈنىدىن كېيىنمۇ ئەسكەر چېكىندۈرمەي تۇرۇۋالدى. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، كانادا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت، بەھرەين، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق10 دۆلەت قاتناشقان ب د ت كۆپ دۆلەت قوشۇنى1 - ئاينىڭ17 - كۈنى ئەتىگەندە ئىراققا «قۇملۇق بورىنى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بۇ ئۇرۇش37 كۈن داۋام قىلدى. ئارىلىقتا ئىران، ب د ت، شۇنىڭدەك قاھىرەدە ئېچىلغان ئەرەب سەككىز دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنلىرى پارس قولتۇقى كرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە پىلانلارنى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئىراق ئۇنى رەت قىلدى.2 - ئاينىڭ22 - كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش سادامدىن ئامېرىكىنىڭ يەتتە تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشنى رەسمىي جاكارلاشنى تەلەپ قىلدى.23 - كۈنى كەچتە بۇش كۆپ دۆلەت قىسىمىنىڭ يەر يۈزى ھۇجۇمى باشلانغانلىنى جاكارلىدى، ساداممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئومۇمىي خەلقنى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چاقىردى. يەر يۈزى ئۇرۇشى100 نەچچە سائەت داۋام قىلىپ2 - ئاينىڭ28 - كۈنى ئاخىرلاشتى، ئىراق بۇ ئۇرۇشتا تۇمشۇقىغا قاتتىق يەپ، كۇۋەيتتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. سادام ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ12 تۈرلۈك قارارىنى شەرتسىز، ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.42 كۈن داۋام قىلغان پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. يەتتە ئاي ئىگىلىۋېلىنغان كۇۋەيت مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.3 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئىراق بىلەن كۆپ دۆلەت قىسىملىرى «چۈشىنىش ئەسلىمىسى» نى ئىمزالىدى.4 - ئاينىڭ3 - كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەسمىي ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى.
پارس قولتۇقى ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئادەم سانى1 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئىراق تەرەپنىڭ100 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى تالاپەتكە ئۇچرىدى، كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغان ۋە يوقاپ كەتكەن ئادىمى تەخمىنەن660 بولدى. بۇ قېتىمى ئۇرۇش پارس قولتۇقى رايونى ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرى ۋە بايلىقىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.