ئىران - ئىراق ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
ئىران بىلەن ئىراق چېگرا تالاش - تارتىشى ئۈچۈن1980 - يىلى9 - ئايدىن1988 - يىل8 - ئاينىڭ20 - كۈنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر سەككىز يىل ئۇرۇشتى. بۇ ئىران - ئىراق ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىران بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تالاش - تارتىش توختاپ قالمىدى.1975 - يىلى ئالجىرىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى مۇرەسسە قىلىشى ئارقىسىدا، ئىران بىلەن ئىراق چېگرا تالاش - تارتىشىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.1979 - يىلى ئىراندا ھۇمەينى رەھبەرلىك قىلغان «ئىسلام ئىنقىلابى» پارتلاپ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، ئىراقنى ئاشكارا قوللاۋاتقان شىئە مەزھىپىنىڭ مۇرىتلىرى «ئىسلام ئىنقىلابى» نى باشلىدى. بۇ چاغدا ئىراق ئىراندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غوۋغاسىنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېزدىن يامانلاشتى.1980 - يىل9 - ئاينىڭ17 - كۈنى ئىراق زۇڭتۇڭى سادام1975 - يىلىدىكى كېلىشىمنى بىكار قىلىشنى جاكارلىدى،22 - كۈنى ئىران بىلەن ئىراق ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى.
ئۇرۇش باشلانغان ھامان ئىراق ئارمىيىسى ھۇجۇم ھالىتىدە تۇرۇپ، ئىراننىڭ20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن يېرىنى ئىگىلىۋالدى،1981 - يىلى5 - ئايدا ئىران ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلاپ، قولدىن كەتكەن كەڭ زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدى.1982 - يىلى6 - ئايدا ئىراق يەككە تەرەپ ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇپ، ئارمىيىنى پۈتۈنلەي ئىران زېمىنىدىن چېكىندۈرۈپ چىقماقچى بولدى.7 - ئايدا ئىران ئارمىيىسى «رامزان ھەرىكىتى» نى قوزغاپ، ئىراق چېگرىسى ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى.1983 - يىلى ئىراق ئارمىيىسى باسراھدا لىنىيە تۈزۈپ، ئىران ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالدى، ئىككى تەرەپ تىركىشىش ۋە خورىتىش جېڭى قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئىراق يارىشىمەن دەپ نەتىجە چىقىرالمىدى، ئىران ھۆكۈمىتى ئۇرۇشۇپ غەلىبە قىلالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى تىزگىنلىمەكچى بولدى.1984 - يىلى3 - ئايدا ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپكە نېفىت توشۇۋاتقان چەت ئەل پاراخوتلىرىغا ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىپ، «نېفىت ئۇرۇشى» نى باشلىدى، پارس قولتۇقى دېڭىز رايونى ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرى قاپلىغان خەتەرلىك جايغا ئايلىنىپ قالدى.1985 - يىلى3 - ئايدا ئىران بىلەن ئىراق يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ پايتەختىگە ھۇجۇم قىلىپ، «شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى» نى باشلىدى.
ئىران - ئىراق ئۇرۇشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە غايەت زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى، بۇ ئۇرۇشتا1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى، ئىقتىسادىي زىيان نەچچە100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.1987 - يىل7 - ئاينىڭ20 - كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى598 - نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ، ئىران بىلەن ئىراقتىن دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئىزچىل تۈردە ئىشقا ئاشمىدى. «ئۇرۇش قىلىش ھەر ئىككى تەرەپكە زىيانلىق، تىنچلىق ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق». ب د ت نىڭ كۆپ قېتىم مۇرەسسە قىلىشى ئارقىسىدا، ئىران بىلەن ئىراق ئاخىر ب د ت نىڭ598 - نومۇرلۇق قارارىنى قوبۇل قىلىپ،1988 - يىل8 - ئاينىڭ20 - كۈنى ئۇرۇش توختاتتى.