UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلارياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى

ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى

دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چارروسىيە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جۇڭگونىڭ1 مىليون500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىنىنى قوشۇۋالغان.1900 - يىلى ئۇ سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يەنە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىنى زورلۇق بىلەن بېسىۋالغان. بۇ ھال ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال قىسمىنى بېسىۋېلىش قارا نىيىتى بىلەن كەسكىن زىددىيەت پەيدا قىلغان.1902 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيە «ئەنگلىيە - ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامە چارروسىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارىتىلغان، ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال قىسمىنىڭ ۋە چاۋشيەننىڭ «مۇستەقىللىقى» نى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈش تەكىتلەنگەن. ئەنگلىيە - ياپونىيە ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ياپونىيىنى ئەندىشىدىن خالىي قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ئۇرۇشقا جىددىي تەييارلىنىپ، ئۇرۇش ئارقىلىق روسىيە كۈچلىرىنى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا بەل باغلىغان.1904 - يىل2 - ئاينىڭ8 - كۈنى ياپونىيە ئۇرۇش ئېلان قىلماستىنلا ئۇرۇش باشلاپ، لۈشۇن پورتىدا تۇرغان روسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ، روسىيە فلوتىنى لۈشۇن پورتىغا قاماپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسى چاۋشيەن ۋە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇرۇقلۇققا چىققان. قۇرۇقلۇققا چىققان ياپونىيە ئارمىيىسى دەسلەپتە لۈشۇن بىلەن لياۋنىڭ - شېنياڭ ئارىلىقىدىكى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. ئارقىدىنلا1904 - يىلى8 - ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن روسىيە ئارمىيىسى لياۋياڭدا ئۇرۇش قىلغان. بۇ ئۇرۇشتا ياپونىيە ئارمىيىسى ئېغىر چىقىم تارتقان، لېكىن روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى خاتا ھۆكۈم چىقارغانلىقتىن، چېكىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن.9 - ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى لياۋياڭنى ئىشغال قىلىۋالغان. لۈشۇننى تالىشىش ئۇرۇشى ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەم ئەڭ كەسكىن ئۇرۇشتۇر. ياپونىيە ئارمىيىسى لياۋياڭ بىرلەشمە ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، لۈشۇن يەككە - يېگانە بىر شەھەرگە ئايلىنىپ قالغان.8 - ئاينىڭ19 - كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيە ئارمىيىسى لۈشۇنغا كۆپ قېتىم قاتتىق ھۇجۇم قوزغىغان، روسىيە ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە بازىسىغا ئىشىنىپ، قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. بۇ ئۇرۇش تاكى1905 - يىلى1 - ئايغىچە داۋام قىلغان. ياپونىيە ئارمىيىسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىنلا لۈشۇندىكى روسىيە ئارمىيىسىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان.1905 - يىلى3 - ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى لياۋياڭنى ئىشغال قىلىۋالغان. روسىيە ئارمىيىسى شەرقىي شىمالدا ھالسىراپ قالغان بولسىمۇ، مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن، ئۇلار بىردىنبىر ئۈمىدىنى1904 - يىلى10 - ئايدا روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىن يولغا چىقىدىغان دېڭىز فلوتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە باغلىغان. ئەنگلىيە ياپونىيىنى قوللىغانلىقى، روسىيىنىڭ قارا دېڭىز فلوتى ئەنگلىيە ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان داردانېل بوغۇزىدا چەكلەپ قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىغا كېلىپ ياردەم بېرىشكە ئامالسىز قالغان. روسىيە نائىلاج بالتىق دېڭىزىدىكى تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ يەنە بىرىنى يىراق ئوكيانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ياردەم بېرىشكە يۆتكىگەن، لېكىن بۇ سەپەردە ھالىدىن كەتكەن فلوت1905 - يىلى5 - ئايدىلا يېتىپ كەلگەن، نەتىجىدە تسۇشىما بوغۇزىدا كۈچ توپلاپ ھالسىرىغان دۈشمەننى كۈتۈپ تۇرغان ياپونىيە فلوتى ئۇنى بىراقلا يوقاتقان. بۇ چاغدا روسىيىنىڭ جەڭدە يېڭىلىپ قېلىشى مۇقىملىشىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيىدە ئىنقىلاب پارتلىغانلىقتىن، سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولغان.1905 - يىلى6 - ئايدا ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇرەسسە قىلغان.8 - ئايدا ياپونىيە - روسىيە دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكىنىڭ پورتسمۇت شەھىرىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.9 - ئاينىڭ5 - كۈنى ياپونىيە بىلەن روسىيە «پورتسمۇت تىنچلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان، چارروسىيە بۇ تىنچلىق شەرتنامىدە چاۋشيەننىڭ ياپونىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگودىن تارتىۋالغان لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى، جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈريولى ۋە روسىيىنىڭ ساخالىن (كۇيې) ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ياپونىيىگە ئايرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار