ئامېرىكىنىڭ ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
1961 - يىلى ئامېرىكا «جەنۋە كېلىشىمى» گە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، سايگون قورچاق ھاكىمىيىتىنى يۆلەپ، ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىدا ئۇرۇش قوزغىدى. ۋيېتنام خەلقى بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ،14 يىللىق ئۇرۇش ئارقىلىق1975 - يىلى غەلىبىگە ئېرىشتى.1954
- يىلى «جەنۋە كېلىشىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فرانسىيىنىڭ ئورنىدا ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىدا مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزۈپ، ۋيېتنام ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش قىلىشىغا يار - يۆلەك بولدى.1961 - يىلى ئامېرىكا »ئالاھىدە ئۇرۇش« قوزغىدى. بۇ جەنۇبىي ۋيېتنام ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا قورال - ياراغلىرىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكا ھەربىي مەسلىھەتچىسىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا، ۋيېتنام خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش مەقسىتىدە قىلغان ئۇرۇشتۇر. ئالاھىدە ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا يەنە1964 - يىلى8 - ئايدىن باشلاپ ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىنى بومباردىمان قىلدى.1965 - يىلى3 - ئايدا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىمىنى ئەۋەتىپ، ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىدا بىۋاسىتە ئۇرۇشقا قاتناشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئاساس قىلىنغان قىسمەن ئۇرۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىنى قاتتىق بومباردىمان قىلدى، ئۇلار تاشلىغان بومبا ئامېرىكىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا تاشلىغان بومبىسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ بىرقانچە ھەسسە كۆپ بولدى.1969 - يىلى4 - ئايدا ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى540 مىڭغا يەتتى. «جەنۇبتا ئۇرۇش قىلىش، شىمالنى پارتلىتىش» تەك قىسمەن ئۇرۇش يەنىلا مەغلۇپ بولدى.1969 - يىلى نىكسون تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا «ئۇرۇشنى ۋيېتناملاشتۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئامېرىكا قوللىغان ۋيېتنام ئارمىيىسى بىلەن ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى.
ۋيېتنام ئارمىيە ۋە خەلقى ئېگىلمەي - سۇنماي ئامېرىكا تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە قارشى باتۇرانە كۈرەش قىلدى.
ئۇلار ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەممە يەرگە مىنا كۆمۈپ، قاپقان قۇرۇپ، دۈشمەننىڭ قاتناش لىنىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بازىسىنى ۋەيران قىلىپ، دۈشمەن ئارمىيىسىگە يوشۇرۇنۇپ ئاز - ئازدىن زەربە بېرىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ھەممە جايدا زىيانغا ئۇچراتتى.
ئامېرىكىنىڭ ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى باشلىنىش بىلەنلا، ئامېرىكا خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا قارشى قۇدرەتلىك ھەرىكەتنى قوزغىغانىدى.1969 - يىلى كۈزدە ئامېرىكىدا مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار دەرس تاشلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇردى.1969 - يىلى11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكىدا250 مىڭ كىشى پايتەخت ۋاشىنگتونغا يۈرۈش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.70 - يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.1973
- يىل1 - ئاينىڭ27 - كۈنى ۋيېتنام ئارمىيە - خەلقىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشى، ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاخىر «ۋيېتنامدا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىم» گە ئىمزا قويدى ھەمدە ۋيېتنامنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن بارلىق ئامېرىكا ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈپ چىقتى.1975 - يىل5 - ئاينىڭ1 - كۈنى ۋيېتنامنىڭ جەنۇب تەرىپى پۈتۈنلەي ئازاد قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن14 يىل داۋاملاشقان ئامېرىكىنىڭ ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.
بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ56 مىڭ ئادىمى ئۆلدى،100 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى يارىلاندى،5000 دىن ئارتۇق ھەر خىل ئايروپىلان چىقىم تارتتى، ئۇرۇش چىقىمى100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ۋيېتنام خەلقىمۇ ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئېغىر چىقىم تارتتى، جەمئىي1 مىليون650 مىڭ ئادىمى تالاپەتكە ئۇچرىدى، نەچچە مىليون ئادىمى يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلدى.