UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلاربىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكـىلاتـى مـائارىـپ - پـەن - مـەدەنـىـيـەت تەشكىلاتى پەن مۇكاپاتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكـىلاتـى مـائارىـپ - پـەن - مـەدەنـىـيـەت تەشكىلاتى پەن مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار 1968 - يىلى بىـرلـەشـكـەن دۆلـەتـلـەر تـەشـكىلاتـى مـائارىـپ - پـەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنى مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا دۆلەتلـىـرى ياكى رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، بولـۇپـمـۇ پـەن - تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە مائارىپ ساھەسى، ياكى قۇرۇلۇش ۋە سانائەت ساھەسىـنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقۇچىلارنى مـۇكـاپاتلاش ئۈچـۈن تـەسـىـس قـىـلـغـان. مـۇشـۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولغان شەخسلەر ياكى ھۆكۈمەت تەشكـىلاتـلىـرى ۋە شەخس ياكى گۇرۇپپىلار مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ. ئىككى يىلدا بىر قـېـتـىـم تارقىتىلىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى3000 دوللار ۋە1 دانە شەرەپ مېدالىغا ئېرىشىدۇ. شۇ يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پـەن - مـەدەنـىـيـەت تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىناكارلىق ئىلـمـى مـۇكـاپـاتـى تـەسىـس قىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق رايونى ياكى كىچىك بازارلارنى لايىھىـلـەش ئۆلچىمى جەھەتتە كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار مۇكاپاتلىنىدىغان بولدى. دۇنيادىكـى ھەرقايسى ئەل بىناكارلىق مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتـقـۇچـى - ئوقـۇغـۇچـىـلـىـرى ئۇنىڭغا قاتنىشالايدۇ. مۇكاپاتـنـى بـاھالاشـقـا خـەلـقئارا ئارخىتېكتورلار بىرلەشمىسى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مـۇكـاپـات سـومـمـىـسـى3000 مـىـڭ دوللار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار