گايردنېر فوندى خەلقئارالىق مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
1957 - يىلى كانادا گايردنېر فوند جەمئىيىتى مېدىتسـىـنـا سـاھەسـىـدە مـۇھىـم ئەمەلىي قىممىتى بار مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مۇكـاپـاتلاش ئۈچـۈن تـەسـىـس قىلغان. فوندنى جامس ئارتـور گـايـردنـېـر (1893 −1971 ) شـەخـسـىـي ھەدىيە قىلغان.
گايردنېر فوندى خەلقئارا مۇكاپاتى ئۈچ تۈرگە ئايرىـلـىـدۇ: بـىـرىـنـچـى تۈرى، تۆھپە مۇكاپاتى بولۇپ، سوممىسى25 مىـڭ ئامـېـرىـكـا دولـلـىـرى، ئالاھىدە بايقاشقا ئېرىشكەن ياكى تۆھپە قوشقان شەخس ياكى گۇرۇپـپـىـغـا بېرىلىدۇ؛ ئىككىنچى تۈرى، يىللىق مۇكاپات بولۇپ، سوممـىـسـى10 مـىـڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان بىر قاتار مۇكاپاتلارنى ئۆز ئىچىگـە ئالـىـدۇ، ئەگـەر بىر مۇكاپاتتىن ئىككى ئادەم بەھرىمەن بولماقچى بولسا، ھەربىـر ئادەمـگـە5000 مـىـڭ ئامېرىكا دوللىرى بېرىلىدۇ؛ ئۈچىنچى تۈرى، ۋايتمـان مـۇكـاپـاتـى بـولـۇپ، مۇكاپات سوممىسى25 مىڭ ئامېرىكا دوللىـرى، بـۇ مـېـدىـتـسـىـنـا ئىـلـمـى ساھەسىدە ئالاھىدە رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىـلـغـان كـانـادالـىـقـقـا بېرىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر مۇكاپات پۇلىدىن باشقا، بىرنۇسخا شـەرەپ گۇۋاھنامىسگە ئېرىشىدۇ. نامزاتلارنى فوند جەمئىيىتىدىكى مـۇنـاسـىـپ ئاپـپـاراتلار كۆرسىتىدۇ. گايردنېر فوندى خەلقئارا مۇكاپاتى يىلدا بىر قېتىم باھالىنـىـپ، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە تارقىتىلىدۇ. ۋايتمان مۇكاپاتـىـدىـن بـاشـقـا تـۈرلۈك مۇكاپاتلار دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئالىملىرىـغـا بـېـرىـلـىـدۇ. مـۇكـاپـاتـقـا ئېرىشكۈچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خىزمەتلىرى بايان قىلـىـنـغـان مـاقـالـىـنـى تاپشۇرىدۇ، بۇ ماقالىلەر مەشھۇر گايردنېر فوندى نۇتۇقلىرى بولىدۇ