ۋاتېرمان مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
1975 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت ئىـلـىـم - پـەن فـونـد جەمئىيىتى مـەزكـۇر جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنـىـدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تـۇنـجـى باشلىقى ئايلېن.T. ۋاتېرمانـنـى خـاتـىـرىـلـەش ئۈچـۈن تـەسـىـس قىلغان، ۋاتېرمان1951 - يـىـلـىـدىـن1963 - يـىـلىغـىـچە فـونـد جەمئىيىتنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان. ۋاتېرمان مۇكـاپـاتـى35 يـاشـتـىن تـۆۋەن ئامېرىكىلىق ياش ئالىملارغىلا بېرىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىـنـىـڭ خىزمىتى جەزمەن پەنلەرنىڭ ئەڭ ئالدىـدا تـۇرۇشـى كـېـرەك. مـۇكـاپاتـقـا ئېرىشكۈچى بىر دانە مېدالغا ئېرىشكەندىن باشقا، يـەنـە ئۇدا ئۈچ يـىـل50 مـىـڭ دوللاردىن ئېشىپ كەتمەيدىغان خىـراجـەتـكـە ئېـرىـشـىـدۇ، ئۇنـى ھەرقانداق ئىلىم ئاپپاراتىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلىتـىـدۇ. ۋاتېرمان مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش ساھەسى ماتېماتىكا، فىزىكا، مېدىتسىـنـا، بىئولوگىيە، قۇرۇلۇش ئىلمى، ئىجتىمائىي پەن ياكى بـاشـقـا پـەنـلەرنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.