UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارئامېرىكا فۇلىتزېر مۇكاپاتى

ئامېرىكا فۇلىتزېر مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار 1917 - يىلى ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىنىڭ ماگناتى فۇلىتزېرنىڭ ۋەسىيىتى ۋە ئىئانىسى بىلەن تەسىس قىلىنغان تۈرى كۆپ مۇكاپات، ئاخبارات ۋە ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتكە بۆلۈنىدۇ. ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا بەش تۈر تەسىس قىلىنغان، ئاساسەن ئەڭ نادىر رومان (ئامېرىكا باش تېما قىلىنغان نادىر ئەسەر)، ئەڭ نادىر سەھنە ئەسىرى، ئەڭ ئېسىل شېئىرلار توپلىمى، ئامېرىكا تارىخىغا دائىر ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەسەر ھەم جامائەت مەنپەئىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك باش تېما قىلىنغان ئەڭ نادىر ئاپتوبىئوگرافىك ۋە بىئوگرافىك ئەسەرلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.1943 - يىلىدىن ئېتىبارەن مۇزىكا - كومپوزىتورلۇق مۇكاپاتى قوشۇلدى. يۇقىرىدىكى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى500 مىڭ دوللار، ھەر يىلى بىر قېتىم، ھەر يىلنىڭ5 - ئېيىدا تارقىتىلىدۇ.1918 - يىلى پاۋىلنىڭ »ئۇنىڭ ئۆيى« رومانى تۇنجى فۇلىتزېر رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنىڭدىن كېيىن تاكىنتون، ۋېرتېن، كايىتېر، بورلىنگتون، بۇك، ستېينبېك، فۇكنېر، پوتېر، ۋېلتى، خاللى، جون چىۋېر قاتارلىقلار بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تاكىنتون (1919 -،1921 - يىللار)، فۇكنېر (1954 -،1962 - يىللار) فۇلىتزېر رومان مۇكاپاتىغا ئىككى قېتىمدىن ئېرىشتى، ۋېللېر1957 - يىلى فۇلىتزېر شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا يازغۇچىلىرى فۇلىتزېر ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بىر خىل شەرەپ دەپ قاراپ كەلدى، مۇنداق قارىمايدىغانلارمۇ بار. سىنكلاير لويىس1926 - يىلى، ۋىليام سارويان1940 - يىلى مۇكاپات ئېلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ مۇكاپاتنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
ئامېرىكا فۇلىتزېر مۇكاپاتى | UyghurWiki | UyghurWiki