ياپونىيە مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
بۇ − ياپونىيە مۇكاپات فوند جەمئىيىتى1983 - يىلى تەسىس قىلغـان دۇنـيـاۋى مۇكاپات. ئىنسانلار ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان پەن كەشپىياتچىـلـىـرى مۇكاپاتلىنىدۇ.1985 - يىلى تۇنجى قېتىملىق مۇكاپات تارقىـتـىـلـغـان. ھەر قېتىملىق باھالىنىدىغان تۈر ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىـڭ سـانـى مـۇقـىـم ئەمەس. مۇكاپات سوممىسى فوند جەمئىيىتى تەمىـنـلـىـگـەن12 مـىـلـيـون ئامـېـرىـكـا دوللىرى فوندىدىن ئېرىشىلگەن ئۆسۈم بولىدۇ (نوبېل مۇكاپاتـىنىڭ فـونـدى9 مىليون ئامېرىكا دوللىرى).
فوند جەمئىيىتىدە باھالاشقا مەسئۇل24 كىشىلىك باھالاش كومىتېتى تەسىس قىلىـنـغـان. نامزاتلارنى ھەرقايسى ئەللەردىكى مـەشـھـۇر پـەن تەتقىقات ئورۇنلىرى تەۋسىيە قىلىدۇ. ياپونىيە مۇكـاپاتى بـىـلـەن نـوبـېـل مۇكاپاتىنىڭ ئېتىبار بېرىش نۇقتىسى ئوخشاش ئەمەس، ئۇ ئىـلـغـار، زور ئەمـەلـىـي قىممەتكە ئىگە پەن كەشپىياتلىرىغا بېرىلىدۇ، نوبېل مۇكاپاتى بـولـسـا ئاساس نەزەرىيە جەھەتتىكى زور بايقاشلارغا بېرىلىدۇ. ياپونىيـە مـۇكـاپاتى كىشىلەرنى يېڭى تېخنىكا كەشپىياتـىـنـىـڭ ئىـنـسـانلارغـا قـوشـىدىـغـان تۆھپىسىنىڭ ساپ پەننىي بايقاشتىن قېلىشمايدىغانلىقىغا دىقـقـەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.