ئامېرىكا قىتئەسىدىكىلەر ئائىلىسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
1960 - يىلى تەسىس قىلىنغان يىللىق مۇكاپات. «ئامېرىكا قىتئەسىدىكىلەر ئائىلىسى» تارقىتىدۇ، مەقسىتى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىشتىن ئىبارەت. ھەر خىل ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇكاپاتلىنالايدۇ. يەككە تۈرلەرنىڭ مۇكاپات سوممىسى1000 دوللار. ھەر يىلقى مۇكاپاتلاش بەلگىلىمىسى ۋە سوممىسى سەل - پەل پەرقلىنىدۇ.1977 - يىلى16 تۈر بويىچە مۇكاپات تارقىتىلدى. ئاساسىي تۈرلەر: ھېكايە (رومان، قىسقا ھېكايە، شېئىر، سەھنە ئەسىرىنى ئىچىگە ئالىدۇ)، ماقالە (ئىلمىي ماقالە ۋە ئوبزور ماقالىلەرنى ئىچىگە ئالىدۇ)، بالىلار ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلارنى ئىچىگە ئالىدۇ. مۇكاپاتلاش ئوبيېكتى كارايىپ دېڭىزى رايونى ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى يازغۇچىلاردىن ئىبارەت. ئىسپان تىلىدا سۆزلەشمەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ يازغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەر ۋە سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىن لاتىن ئامېرىكىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان يازغۇچىلار ماقالە مۇكاپاتىغىلا ئىلتىماس قىلالايدۇ، تاپشۇرغان ئەسىرى چوقۇم ئىسپان تىلىدا يېزىلغان ۋە ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى كېرەك. بىراق، برازىلىيە، كارايىپ دېڭىزى رايونىدىكى ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ۋە گۋىئانا يازغۇچىلىرى بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
قوشۇمچە:1901 - يىلىدىن1993 - يىلىغىچە نوبېل
ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر1901
- يىلى سۇللى پرۇدوم (فرانسىيە)، شائىر1902
- يىلى مونىسېن (گېرمانىيە)، تارىخشۇناس1903
- يىلى بىئانسون (نورۋېگىيە)، دراماتورگ، شائىر، يازغۇچى1904
- يىلى فېدېرىك مىسترال (فرانسىيە)، شائىر
ئېيزاگۇئېررې (ئىسپانىيە)، دراماتورگ1905
- يىلى سېنكېۋىچ (پولشا)، يازغۇچى1906
- يىلى كاردۇچ (ئىتالىيە)، شائىر، ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورچىسى1907
- يىلى كىپلىڭ (ئەنگلىيە)، يازغۇچى، شائىر1908
- يىلى ئېۋكېن (گېرمانىيە)، پەيلاسوپ1909
- يىلى لاگېرلوف (شۋېتسىيە)، يازغۇچى1910
- يىلى خېسې (گېرمانىيە)، يازغۇچى، شائىر1911
- يىلى مېتېرلىنك (بېلگىيە)، شائىر، دراماتورگ1912
- يىلى خاۋبېتمان (گېرمانىيە)، دراماتورگ1913
- يىلى تاگور (ھىندىستان)، شائىر، دراماتورگ1914
- يىلى (مۇكاپات تارقىتىلمىدى)1915
- يىلى رومىن روللان (فرانسىيە)، يازغۇچى، دراماتورگ1916
- يىلى خېيدېنستام (شۋېتسىيە)، شائىر، يازغۇچى1917
- يىلى گېللېرۇپ (دانىيە)، شائىر، يازغۇچى.
پونتوپپىدان (دانىيە)، يازغۇچى1918
- يىلى (مۇكاپات تارقىتىلمىدى)1919
- يىلى سبىتلېر (شۋېتسارىيە)، شائىر1920
- يىلى ھامسون (نورۋېگىيە)، يازغۇچى1921
- يىلى ئا. فرانسې (فرانسىيە)، يازغۇچى1922
- يىلى مارتىنېز (ئىسپانىيە)، دراماتورگ1923
- يىلى يېتىس (ئېرىلاندىيە)، شائىر، دراماتورگ1924
- يىلى رېيمونت (پولشا)، يازغۇچى1925
- يىلى بېرنارد شاۋ (ئېرىلاندىيە)، دراماتورگ، يازغۇچى1926
- يىلى دېلېدا (ئىتالىيە)، يازغۇچى1927
- يىلى بېرگسون (فرانسىيە) پەيلاسوپ، ئېستېتىك1928
- يىلى ئۇندسېت (نورۋېگىيە)، يازغۇچى1929
- يىلى توماس مان (گېرمانىيە)، يازغۇچى1930
- يىلى لېۋىس (ئامېرىكا)، ئاخبارات مۇخبىرى، يازغۇچى1931
- يىلى كارلفېلدت (شۋېتسىيە)، شائىر1932
- يىلى گالسۋورتى (ئەنگلىيە)، يازغۇچى، دراماتورگ1933
- يىلى بۇنىن (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)، شائىر، يازغۇچى1934
- يىلى پىراندېللو (ئىتالىيە)، يازغۇچى، دراماتورگ1935
- يىلى (مۇكاپات تارقىتىلمىدى)1936
- يىلى ئونېل (ئامېرىكا)، دراماتورگ1937
- يىلى مارتىن دۇگارد (فرانسىيە)، يازغۇچى1938
- يىلى بۇك پېئارل (ئامېرىكا)، يازغۇچى1939
- يىلى سىللانپا (فىنلاندىيە)، يازغۇچى1940
-،1943 - يىلى (مۇكاپات تارقىتىلمىدى)1944
- يىلى يانسېن (دانىيە)، يازغۇچى، شائىر1945
- يىلى گابرېلا مىسترال (چىلى)، شائىر1946
- يىلى ھېسسې (شۋېتسارىيە)، يازغۇچى، شائىر1947
- يىلى ئاندرې گىدې (فرانسىيە)، شائىر، يازغۇچى1948
- يىلى ئېليوت (ئەنگلىيە)، شائىر، ئوبزورچى1949
- يىلى فۇكنېر (ئامېرىكا)، يازغۇچى1950
- يىلى رۇسسېل (ئەنگلىيە)، پەيلاسوپ، لوگىكىشۇناس1951
- يىلى لاگېركۋىست (شۋېتسىيە)، شائىر، يازغۇچى1952
- يىلى ماۋرىئاك (فرانسىيە)، يازغۇچى1953
- يىلى چۇرچىل (ئەنگلىيە)، تارىخشۇناس، سىياسىئون1954
- يىلى ھېمىڭۋاي (ئامېرىكا)، يازغۇچى، ئاخبارات مۇخبىرى1955
- يىلى لاكسنېس (ئىسلاندىيە)، يازغۇچى1956
- يىلى جىمېنېز (ئىسپانىيە)، لىرىك شائىر1957
- يىلى كامۇس (فرانسىيە)، يازغۇچى، دراماتورگ1958
- يىلى پاستېرناك (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)، شائىر، يازغۇچى (سىياسى بېسىم تۈپەيلى مۇكاپات ئېلىشنى رەت قىلغان)1959
- يىلى كۇئاسىمودو (ئىتالىيە)، شائىر1960
- يىلى ساينت جون پېرس (فرانسىيە)، شائىر1961
- يىلى ئاندرىچ (يۇگوسلاۋىيە)، يازغۇچى1962
- يىلى ستېينېك (ئامېرىكا)، يازغۇچى1963
- يىلى سېفېرس (گرېتسىيە)، شائىر1964
- يىلى سارترې (فرانسىيە)، پەيلاسوپ، يازغۇچى (مۇكاپات ئېلىشنى رەت قىلغان)1965
- يىلى شولوخوف (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)، يازغۇچى1966
- يىلى ئاگنون (ئىسرائىلىيە)، يازغۇچى
ساكس (شۋېتسىيە)، شائىر1967
- يىلى ئاستۇرىئاس (گۋاتېمالا)، شائىر، يازغۇچى1968
- يىلى كاۋاباتا ياسۇنارى (ياپونىيە)، يازغۇچى1969
- يىلى بېككېت (ئېرىلاندىيە)، يازغۇچى، دراماتورگ1970
- يىلى سولژېنتسىن (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)، يازغۇچى1971
- يىلى پابلو نېرودا (چىلى)، شائىر1972
- يىلى ھېنرىخ بول (گېرمانىيە)، يازغۇچى، دراماتورگ1973
- يىلى ۋىت (ئاۋسترالىيە)، يازغۇچى، دراماتورگ1974
- يىلى جونسون (شۋېتسىيە)، يازغۇچى
مارتىنسون (شۋېتسىيە)، يازغۇچى1975
- يىلى مونتالې (ئىتالىيە)، شائىر1976
- يىلى بېللوۋ (ئامېرىكا)، يازغۇچى1977
- يىلى ئالىكساندرې (ئىسپانىيە)، شائىر1978
- يىلى سىنگېر (ئامېرىكا)، يازغۇچى1979
- يىلى ئىلىتىس (گرېتسىيە)، شائىر1980
- يىلى مىلوش (پولشا)، شائىر1981
- يىلى كاننېت (ئەنگلىيە)، يازغۇچى1982
- يىلى گارسىيە ماركوس (كولومبىيە)، يازغۇچى1983
- يىلى ۋ. گولدىڭ (ئەنگلىيە)، يازغۇچى1984
- يىلى سېفېرت (سابىق چېخوسلوۋاكىيە)، شائىر1985
- يىلى كلود سىمون (فرانسىيە)، يازغۇچى1986
- يىلى ۋول سويىنكا (نېگىرىيە)، نېگىر يازغۇچى1987
- يىلى بروتسكىي (ئامېرىكا)، شائىر1988
- يىلى نەجىپ مەھپۇز (مىسىر)، يازغۇچى1989
- يىلى كامىلوخوس سېلا (ئىسپانىيە)، يازغۇچى(1990
- يىلى ئوكتاۋىئو پاز )مېكسىكا(، شائىر ۋە يازغۇچى1991
- يىلى نادىن گودىمېر )جەنۇبىي ئافرىقا( يازغۇچى1992
- يىلى دېرىك ۋولكوت )ساينت - لۇتسىيە(، شائىر1993
- يىلى توننى مورسون )ئامېرىكا(، نېگىر يازغۇچى