خېنىكان مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
1963- يىلى گوللاندىيىنىڭ خېنىكان فوند جەمئىيىتى پەن ۋە مەدەنىيـەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچـۈن تـەسـىـس قـىـلـغان. خېنىكان فوندىنى سودا ساھەسىدىكىلەر سـودا سـاھەسـىـدە ئۇزاق يـىـل باش دىرېكتور ۋە مۇدىرلىقنى ئۈستىگە ئالغان ھىـنـرى پـېـررى خېنىكان (1886 −1971 )نى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلغان.
خېنىكان مۇكاپاتى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، بىئوخىمىيە ۋە بـىئوفىزىكا ساھەسىدىكى نادىر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە بېرىلىدۇ. گوللاندىيـە خان جەمەتى پەنلـەر ئاكـادېـمـىـيـىـسـى بـاشـقۇرىـدۇ ۋە مـۇكـاپـاتـقـا ئېرىشكۈچىلەرنى باھالايدۇ. مۇكاپاتلانغۇچى100 گىلدېر مـۇكـاپـاتـقـا ئېرىشكەندىن باشقا، لېۋىنخوك كەشىپ قىلغان مـىـكـروسـكوپ ئويـۇلـغـان خرۇستال لوڭقىغا ئېرىـشـىـدۇ. لـېـۋىـنـخـوك دۇنـيـا بـويـىـچـە ئەڭ بـۇرۇن مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ باكتېرىيە ۋە مىكرو ئورگانىزملارنى كۆزەتـكـەن گوللاندىيىلىك ئالىم، ئۇنىڭ ئىنچىكە كۆزىتىشى ۋە توغرا چـۈشـەنـدۈرۈشـى ئارقىسىدا، باكتېرىئولوگىيە ۋە پروتوزوئولوگىيە (ئىپتىدائىي ھايۋانلار ئىلمى) بارلىقـقـا كـەلـگـەن. خېنىكان مۇكاپاتى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئالىملىرىغا بېرىلىدۇ.