UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارسورۋې پەن مۇكاپاتى

سورۋې پەن مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار بۇنى بېلگىيە ئىلىم - پەن تەتقىقات فوند جەمئىيىتى تەسىس قىلغان، جـەمئىـي ئىككى تۈرلۈك مۇكاپات بار. بىرى، فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدىغان ئالىـملارغـا، يـەنـە بىرى، گوللاندىيە تىلىنى قوللىنىدىغان ئالـىـملارغـا بـېـرىـلـىـدۇ. ئىـكـكـىلا مۇكاپات بەش يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، مۇكاپات سـومـمـىـسـى750 مـىـڭ بېلگىيە فرانكى. ئىنسانلار ئىلمى ساھەسـىـدە نـادىـر مـۇۋەپـپـەقـىـيەتـكـە ئېرىشكەن ئالىملار مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى نامزاتلارنى ئۈچ ئالـىـم تەۋسىيە قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە ئىككىسى بېلگىيىلىـك بولۇشى كېرەك. سورۋې پەن مۇكاپاتى بېلگىيىلىك سانائەت خىمىيىسى ئالىمى ئېرنېست سورۋېنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. سـورۋې1838 - يىل4 - ئاينىڭ16 - كۈنى بېلگىيىدە تـۇغـۇلـغـان بـولـۇپ، سـودا (نـاتـرىـي كاربونات) ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاممىياك - سودا ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغانلىـقـى بىلەن مەشھۇر. سورۋې ئۆزىنىڭ كەشپىياتى ئارقـىلـىـق غـايەت زور مـال - مۈلۈككە ئېرىشكەن، شۇنىڭدەك بۇ مال - مۈلكىنـى تـۈرلـۈك سـاخـاۋەت ئىشلىرىغا، جۈملىدىن، مەشھۇر سورۋې خەلقئارا خىمىيە يىغـىـنى، فـىـزىـكـا يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن. بـۇنـىـڭ ئىـچـىـدە سـورۋې فىزىكا يىغىنى1911 - يىلى چاقىرىلغان تۇنجى قېـتـىـمـلـىـق يـىـغـىـنـدىـن ئېتىبارەن،18 قېتىم ئېچىلغان. يىغىنغا ئەينى چاغدىـكـى دۇنـيـاغـا مـەشـھـۇر فىزىكلار تەكلىپ قىلىنىپ، فىزىكا تەرەققىياتىدا ھەل قىلىشقا تېـگـىـشـلـىـك ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنـغـان. ئامـېـرىـكـا تـەۋەلـىـكـىـدىـكـى جۇڭگولۇق فىزىك ياڭ جىڭنـىـڭ18 - نـۆۋەتـلـىـك سـورۋې يـىـغـىـنـىـغـا قاتناشقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار