UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارھۇمبولدت مۇكاپاتى

ھۇمبولدت مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار بۇ فېدېراتىپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى1972 - يىلى ئامېرىكىلىق پېشقـەدەم ئالىمنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلـغـان مـۇكـاپـات.1972 - يـىـل6 - ئاينىڭ5 - كۈنى، ئەينى چاغدىكى فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ زۇڭلىسى ۋېليـام بۇلاند خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا مارشال ياردىمى پىلانىنىڭ25 يىللىـقـىـنـى تەبرىكلەش نۇتقىنى سۆزلىگەندە ئېلان قىلغان. مۇكاپاتنى ھۇمبولدت فـونـد جەمئىيىتىى باشقۇرىدۇ. بۇ گېرمانىيىلىك ئالىم ئالېكساندر فون ھۇمبولدتنىڭ نامى بىلـەن ئاتالغان ئاپپارات بولۇپ، گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىـلـىـم - پەن ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھۇمـبـولـدت ئوتـتـۇرا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنى تەكشۈرۈشتە ئاجايىپ تۆھپـە قـوشـقـانـلـىـقـى بىلەن مەشھۇر. ھۇمبولدت مۇكاپاتى ھەر يىلى تارقىتـىـلـىـدۇ، مـۇكـاپـات تـۈرى80 گـە يېتىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر25 −72 مىڭ گېـرمـانـىـيـە مـاركـىـغا، ئۇنىڭدىن سىرت گېرمانىيىدىكى تـەتـقـىـقـات ئاپـپاراتىـدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن گېرمانىـيـىـگـە بـارىـدىـغـان ساياھەت پۇل چېكىگە ئېرىشىدۇ. مۇكاپات ئۆزىنىڭ تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدە دۇنياۋى ئابرۇيغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق ئالىملارغـا بـېـرىـلـىـدۇ. مۇكاپات بېرىلىدىغان ساھەلەر ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىـيـە، بـىئولوگـىـيـە، مېدىتسىنا، قۇرۇلۇش ئىلمى، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە يەر شـارى ئىـلـمـىـنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۇمـبـولـدت مـۇكـاپـاتـى ئىـلـتـىـمـاس قـوبـۇل قـىـلـمـايـدۇ، گېرمانىيىدىكى بىرىـنـچـى قـاتـاردا تـۇرىـدىـغـان ئالـىـملار ۋە تـەتـقـىـقـات ئاپپاراتلىرىنىڭ تەۋسىيىسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار