UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارناتىتۋى مۇكاپاتى

ناتىتۋى مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار بۇ1971 - يىلى ناتىتۋى سەنئەت ۋە مېدىتسىنا فوند جەمئىيىتى تەسىس قىلغـان خەلقئارا مۇكاپات بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەلـلىـكـلـىـرى ئاساس كلىنىكىسى ياكى داۋالاش ئىلمى تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بـېـرىـش ھەم فرانسۇز تىلى ۋە فرانسۇز تىلىدا پەننىي بىلىملەرنى تارقىتـىـشـقـا بولغان دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ.1971 - يىلى ناتىتۋى (1812 −1889 ) نىڭ كرىـسـتـال دىـگـىـتـالـىـسـنـى بايقىغانلىقىغا100 يىل بولغان، ئۇنى خـاتـىـرىـلـەش ئۈچـۈن،1976 - يـىـلى بۇ مۇكاپاتنى تۇنجى قېتىم تارقاتقان. فوند جەمئىيىتىنىڭ مەقسىتى مۇنداق ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىـگە ئالىدۇ: بىرىنچى، فرانسۇز تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش؛ ئىككىنچى، پەن تەتقىقاتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىـغـا بـولـغـان بـىـۋاسـىـتـە يـاكـى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى؛ ئۈچىنچى، ياۋروپالىقلارنىڭ سەنئىتىنى تـەرەقـقـىـي قىلدۇرۇش. ناتىتـۋى مـۇكاپاتـى فـونـد جەمئىيىتى تـەسـىـس قـىـلـغـان بـىـرقاتـار مۇكاپاتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى500 مىڭ فرانــك، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، دۇنيـادىـكـى ھەرقـايـسـى ئەل ئالـىملـىرى ۋە سەنئەتكارلارغا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار