لېنىن مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەن، تېخنىكا، ئەدەبىـيـات، سـەنئەت، قۇرۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېـرىـشـكـەن سـوۋېـت ئىتتىپاقى پۇقرالىرىغا بېرىدىغان ئالىي مۇكاپات. ئەڭ دەسلەپتە1925 - يىـلـى تەسىس قىلىنغان، بىراق1935 - يىلىدىن1956 - يـىـلـىـغـىـچـە مـۇكـاپـات تارقىتىلمىغان.1957 - يىلى قايتىدىن مۇكاپات تارقىتىلغان، شۇ يىلـى يـەنـە لېنىن ئەدەبىيات ۋە سەنئەت مۇكاپاتى كۆپەيتىلگـەن.1966 - يـىـلى9 - ئايـدا سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بىـلـەن سـوۋېـت ئىـتـتـىـپـاقـى مىنىستىرلار سوۋېتى ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان لـېـنـىـن مـۇكـاپـاتـى تارقاتقان. بۇنىڭ25 تۈرى پەن بىلەن تېخنىكا مـۇكـاپـاتـى، بەش تـۈرى ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە بىناكارلىق مۇكاپاتى.1970 - يىلى بالىلار ئەدەبىيـاتـى مۇكاپاتى كۆپەيتىلگەن. ھەربىر تۈردىكى مۇكاپات سـومـمـىـسـى10 مـىـڭ رۇبلى ئىدى.1967
- يىل2 - ئاينىڭ17 - كۈنى، سوۋېت كومپارتىيىسى مـەركـىـزىـي كومىتېتى بىلەن مىنىستىرلار سوۋېتى لېنىن مۇكاپاتىنى تارقـىتـىـشـقا دائىـر نىزامنى تەستىقلاپ ئېلان قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىـش تـۈرىـنـى تـەۋسـىـيـە قىلىش سالاھىيىتى بار ئورۇن (پۈتۈن سوۋېت ۋە ئىتتـىـپاقـداش جـەمـھـۇرىـيـەت دەرىجىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، يېزا ئىگىلىك پـەنـلـەر ئاكـادېـمـىـيـىـسـى، مـېـدىـتـسـىـنا پـەنـلـەر ئاكـادېـمـىـيـىـسـى؛ پۈتۈن سـوۋېـت ۋە ئىـتـتـىـپـاقـداش جەمھۇرىيەتلەردىكى سوۋېتلەر كومىتـېـتـى ۋە مـىـنـىـسـتـىـرلىك دەرىـجىـلـىـك كومىتېتلار؛ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلۇش ئىلمىي جـەمئىـيـەتلىرى قـاتـارلـىـقلار) ۋە مۇكاپات باھالاش ئۇسۇلىنى بەلگىلىدى. نامزاتلىققـا كـۆرسـىـتـىـلـىـدىـغـان پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى نەشــر قـىـلىنغان بولۇشى، بىنالار ئىسمى كۆرسىتىلىشتىن بىر يىـل ئىـلـگـىـرى تـامـاملانـغـان، تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىلىرىنىڭ ئىقتىسـادىـي ئۈنـۈمـى بـارلىـقـى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىسپاتلانغان بولۇشى كېرەك. بىر نەتىجە بىـرلا ۋاقـىـتـتـا لېنىن مۇكاپاتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مـۇكـاپـاتـىـغـا بـاھالـىـنـىـشـقـا قاتنىشىشقا بولمايدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈرلەرنى لېنىننىڭ تۇغۇلغان خاتىرە كۈنىـدە سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىنىستىرلار سوۋېتى بۇيـرۇق ئىمزالاپ ئېلان قىلىدۇ، مۇكاپاتنى لېنىن مۇكاپاتى كومىتېتى تارقىتىدۇ، مۇكاپاتـقـا ئېرىشكۈچى مۇكاپات پۇلىدىن باشقا، يەنە لېنىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نام، مېدال، ئىزناك ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسىـگـە ئېـرىـشـىـدۇ، ھەرقـانـداق ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە بىرلا قېتىم لېنىن مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە بولىدۇ.