UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارفېرىز مۇكاپاتى

فېرىز مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار بۇ − خەلقئارا ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات.1932 - يىـلـى9 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ماتېماتىكا يىغىنىدا تەسـىـس قـىـلـىـنـغـان، خـەلـقئارا ماتېماتىكا بىرلەشمىسى باھالاشقا رىياسەتچىلىـك قىــلـىـدۇ.1936 - يـىـلـى تۇنجى قېتىم مۇكاپات تارقىتىلغان، تۆت يىلدا بىر قېتىم تـارقـىـتـىـلـىـدۇ، ھەر قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر تۆتتىن ئېشىپ كەتمەيـدۇ، ھەربـىـر ئادەم بىر دانە ئالتۇن مېدال ۋە مەلۇم سوممىدىكى مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىـدۇ. فـېـرىـز مۇكاپاتى40 ياشتىن تۆۋەن ياش ماتېماتىكلارنىـڭ نـادىـر ئۇتـۇقـلـىـرىـنـى مۇكاپاتلاشقا مەخسۇس ئىشلىتىلـىـدۇ. فـېـرىـز مـۇكـاپاتى ماتـېـماتـىـكـا ساھەسىدىكى دۇنياۋى مۇكاپات بولۇپ، ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە خەلقئارالىقىـدىـن ئالـغـانـدا، نـوبـېـل مـۇكـاپـاتـى بـىـلەن تەڭ ئورۇندا تـۇرىدۇ، شــۇڭــا، «ماتېماتىكىدىكى نوبېل مۇكاپاتى» دەپ نامى بار. فېرىز مۇكاپاتىنىڭ نامى كانادالىق ماتـېـمـاتـىـك J.C. فـېـرىـز (1863 −1932 )نى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ نامىدا قويۇلغان. فېرىز1924 - يىلى7 - نـۆۋەتـلـىـك خەلقئارا ماتېماتىكلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، يىغىننىڭ ئېـشـىـنـچـا خىراجىتىدىن پايدىلىنىپ فوند تەسىس قىلـىـپ، يـاش ماتېماتـىكلارنى رىغبەتلەندۈرۈش خىيالىدا بـولغان.1932 - يـىـلـى ئۇ ئالـەمـدىـن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، بىر قىسىم مال - مۈلكىنى ھەدىيە قىلىش توغرىسـىـدا ۋەسىيەت قالدۇرغان، ئۇنىڭغا7 - نۆۋەتلىك يـىغىننىـڭ ئېـشـىنـچـىـسـىنى قوشۇپ فوند قىلىپ، «دۆلەت تەۋەلىكى، كوللېكتىپ نامى ۋە شـەخـس نامى يېزىلمايدىغان» مۇكاپات پۇلى تەسىس قىـلىنـغان. بـۇ مـۇكـاپاتـنـى خەلقئارا مۇكاپات دەپ ئاتاش كېرەك ئىدى، بىراق،1932 - يـىـلى9 - نـۆۋەتـلـىـك خەلقئارا ماتېماتىكا يىغىنى فېرىز مۇكاپاتىنى رەسمىي تەسىس قىلىشنى قـارار قىلدى. ماتېماتىكلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق فېـرىـزنـى خـاتـىـرىـلـەش ۋە ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى، تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە ئىجـتـىـھـات بـىـلـەن ئىشلىگەن خىزمىتىنى تەرىپلەشنى ئۈمىد قىلدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچـىـنـى خەلقئارا ماتېماتىكلار بىرلەشمىسى ئىجرائىيە ھەيئىتى بېكىتكەن سەككىز كىشىلـىـك باھالاش كومىتېتى باھالىغاندىن كېيىن، خەلقئارا ماتېماتـىـكلار يـىـغـىـنـىـدا مۇكاپاتلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار