UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارۋولﻒ مۇكاپاتى

ۋولﻒ مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار بۇ − ئىنتايىن يۇقىرى ئىلمـىـي ئىـنـاۋەتـكـە ئىـگـە كـۆپ پـەنلىك خـەلـقئارا مۇكاپات.1976 - يىلى گېرمانىيىدە تۇغۇلغان يەھۇدىي كەشپـىـيـاتـچـى R.ۋولﻒ (1887 −1981 ) ئىسرائىلىيىدە تەسىس قىلغان،1978 - يىلى تۇنجـى قېتىم تارقىتىلغان. فىزىكا، ماتېماتىكا، خىمىيە، مېدىتسىنا ۋە دېھقانـچىـلـىـق ئىلمىگە بېرىلىدۇ،1981 - يىلى سەنئەت مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان. مـۇكـاپـات سوممىسى ۋولﻒ فوندىنىڭ يىللىق ئۆسۈمـى بـولـۇپ، يـىـلـدا بـىـر قـېـتـىـم تارقىتىلىدۇ. R.ۋولﻒ پولات تاۋلاشتىن چىققان داشقالدىن تۆمۈر يىغىۋېلىـش ئۇسـۇلـىـنـى كەشىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن غايەت زور مال - دۇنياغا ئىگە بولۇپ، كارخانىـچىـغـا ئايلانغان.1975 - يىلى ئۇ »ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىلـىـم - پـەن ۋە سەنئەتنى ئىلگىرى سۈرۈش«نى تۈپ مەقسەت قـىـلـىـپ، ۋولـﻒ فـونـد جەمئىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ۋولﻒ جەمەتىدىن10 مـىـلـيـون دوللار توپلىغان. مۇدىرىيەت (ۋوۇلـﻒ جـەمـەتـىـدىـكـى بەش ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ)، كېڭەش (ئىسـرائىـلـىـيـە مـەدەنىـيـەت - مـائارىـپ مىنىستىرى مەسئۇل بولىدۇ، ئىسرائىلىيىلىك بىرنەچچە ئالىم ۋە ئەمەلـداردىـن تەشكىل تاپىدۇ)نىڭ رەھبەرلىكىدە، قارىمىقىدا مۇكاپات باھالاش كومىـتـېـتـى تەسىس قىلىنىپ، مۇكاپات باھالاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولـىـدۇ. مـۇكـاپات باھالاش كومىتېتى ھەربىر پەن ساھەسىدىكـى ئۈچ تـىـن5 كـىـچـە ئادەمـدىـن تەشكىللىنىدۇ، ھەر يىلى ئالماشتۇرۇلىدۇ. ۋولﻒ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر دۇنيادىكى مەشـھـۇر ئالـىـملار بـولـۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماتېماتىكا مۇكاپاتى كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنـى تـارتىـدۇ، چۈنكى نوبېل مۇكاپاتىدا ماتېماتىكا مۇكاپاتى يوق، فېرىز مۇكـاپـاتـىـنـىـڭ تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن40 ياشتىن تۆۋەن يـاش مـاتـېـمـاتـىـكلارغـىلا بېرىلىدۇ، يالغۇز ۋولﻒ مۇكاپاتىلا پۈتۈن دۇنـيـا دائىـرىـسـىـدە مـۇكـاپـاتـقـا ئېرىشكۈچىنىڭ ئۆمرىدىكى نەتىجىلىرىگە ئاساسەن باھالىنىدۇ، شۇڭا، ۋولـﻒ ماتېماتىكا مۇكاپاتىنى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپـاتـى دېـيـىـشـكـە بولىدۇ. ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى مەشھۇر جۇڭگـولـۇق پـروفـېـسـسـور چـېـن شېڭشېن1983 −1984 - يىللىق ۋولﻒ ماتېماتىكا مۇكاپاتىغـا ئېـرىـشـكـەن. ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى يەنە بىر جۇڭگولۇق پروفېسسور ۋۇ جيەنشيۇڭ1978 - يىلى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان ۋولﻒ ماتېماتىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
ۋولﻒ مۇكاپاتى | UyghurWiki | UyghurWiki